作词 : 尼佳-Nijat
作曲 : 尼佳-Nijat
تىكىستى : نىجات ئازات
مۇزىكىسى : نىجات ئازات
ئورۇنلىغۇچى : نىجات ئازات
نىجات ئىجادىي ناخشا ئەسەرلىرى
مەرھابا سىتودىيىسى
سەن قەلبىمدە ئۆچمەس بىر گۈلخان
يۈرەگىمگە ئوتلارنى سالغان
ۋەسلىڭ گويا شۇ قىزىل گۈلدەك
كۈلۈشلەرىڭ كۆكتىكى ئايدەك
گۈزەلدۇرسەن گۈزەل سەن ھامان
سەنسىز تۈنلەر ماڭا كۆپ زۇلمەت
ۋەسلىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ئەبەت
چىن سۆيگۈڭگە تەشنامەن ھامان
ئاشىقىڭمەن مەن سېنىڭ ئاشىقىڭمەن
كۈيەر بولساڭ مەن سېنىڭ يانىڭدامەن
ئاشىقىڭمەن مەڭگۈلۈك ئاشىقىڭمەن
سۈيەر بولساڭ مەڭگۈلۈك يانىڭدامەن
音乐总监:高玛莎
后期缩混:安得利
吉他:尼佳
和声:尼佳
编曲/录音:Maha工作室
尼佳原创音乐作品
كۆڭلۈمدىكى يۇلتۇزسەن جانان
ئاسمانىمدا چاقنايسەن ھامان
توسالمايدۇ چىن سۆيگۈمىزنى
قارا بۇلۇت ۋە ياكى تۇمان
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيەرمەن ھامان
توسالمايدۇ چىن سۆيگۈمىزنى
قارا بۇلۇت ۋە ياكى تۇمان
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيەرمەن ھامان
ئاشىقىڭمەن مەن سېنىڭ ئاشىقىڭمەن
كۈيەر بولساڭ مەن سېنىڭ يانىڭدامەن
ئاشىقىڭمەن مەڭگۈلۈك ئاشىقىڭمەن
سۈيەر بولساڭ مەڭگۈلۈك يانىڭدامەن
ئاشىقىڭمەن مەن سېنىڭ ئاشىقىڭمەن
كۈيەر بولساڭ مەن سېنىڭ يانىڭدامەن
ئاشىقىڭمەن مەڭگۈلۈك ئاشىقىڭمەن
سۈيەر بولساڭ مەڭگۈلۈك يانىڭدامەن
كۈيەر بولساڭ مەڭگۈلۈك يانىڭدا مەن
مەن سېنىڭ ئاشىقىڭمەن
尼佳原创音乐专辑