作词 : 尼佳-Nijat
作曲 : 尼佳-Nijat
تۇغۇلغان كۈنۈڭ
سۆيۈملۈگۈم
ساڭا ئاتاپ گۈللەر تىزاي
كىلەر بولساڭ
يوللارىڭغا نۇرلار چاچاي
بۈگۈن سېنىڭ
قۇتلۇق كۈنۈڭ مەن يىراقتا
يالغۇزلۇغۇم
پەقەت ماڭا بولار ھەمرا
جېنىم بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ
مەن سەن ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن
گۈلۈم بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈنۈڭ
يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايمەن
بىللە ئۆتكەن
خۇشھال كۈنلەر يادىڭدىمۇ
مەن سېنىڭكى
دىگەنلىرىڭ ئېسىڭدىمۇ
قول تۇتۇشۇپ
گۈللەر ئارا سەيلە قىلىپ
ئەركىلىتىپ سۆيگەن چاغلار
يادىڭدىمۇ
جېنىم بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ
مەن سەن ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن
گۈلۈم بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈنۈڭ
يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايمەن
ھەر قانچە قىلساممۇ
سېنى ئۇنۇتالمايمەن
چۈشلىرىمدىن سېنى ئىزدەيمەن
ئايرىلىپ كەتسەكمۇ
سېنى ئەسلەپ ئۆتەرمەن
تەشنالىقتا سېنى كۈتەرمەن
جېنىم بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ
مەن سەن ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن
گۈلۈم بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈنۈڭ
يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايمەن
جېنىم بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈڭ
مەن سەن ئۈچۈن بەخت تىلەيمەن
گۈلۈم بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈنۈڭ
يۇلتۇزلاردىن سېنى سورايمەن
جېنىم … جېنىم … جېنىم …
نىجات مۇزىكىلىرى