作词 : KWR
作曲 : KWR
编曲 : KWR
Hook:
ئەتىرگۈلدەك خوش ئىدىڭ دىمىقىمغا ئۇرۇلسا
سېنىڭ ئۈچۈن سوققان يۈرەك رېتىمىدا جىمىسا
ئەتىرگۈلنىڭ ئارىسىدىن سېنى ئىزدىسەم
شېرىن شېكەر گەپلەرنى ساڭا سۆزلىسەم
ئەتىرگۈلدەك خوش ئىدىڭ دىمىقىمغا ئۇرۇلسا
سېنىڭ ئۈچۈن سوققان يۈرەك رېتىمىدا جىمىسا
ئەتىرگۈلنىڭ ئارىسىدىن سېنى ئىزدىسەم
شېرىن شېكەر گەپلەرنى ساڭا سۆزلىسەم
Rreas1:
سەنلا قېشىمدا قىشمۇ خۇددى يازدەك
سېنىڭ بەزەن گەپلىرىڭ يېشىلمىغان سىردەك
سەنلا قەلبىمدە دۇنيا گۈزىلى
بۇ دۇنيادىن كەتكىچە بىللە ئۆتەيلى
ئېسىڭدىمۇ يامغۇرلۇق كوچىدا يامغۇرغان بىلەنگەن مىنۇتلار
شۇنچە تاتلىق بىلىنەتتى سەن ھەمراھ ۋاقىتلار
سەندىن باشقىنى تاپمايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئۆزۈمگە
دېگەنلىرىم راست قارىغىن مېنىڭ كۆزۈمگە
بەلكىم چۈشەنمەيسىز مېنىڭ قىلغانلىرىمنى
ئەتىرگۈل بىلەن توشتۇرغۇم بار ئەتراپلىرىڭنى
قولۇڭنى تۇتۇپ سەيلە قىلسام بىپايان بۇ دۇنيا
خۇمار بولدۇم پۇرىۋالاي مەززىلىك ھېيىدىڭنى
ئايرىلىپ ئۆتكەن كۈنلەر بىزگە ھارام بولسۇن
بىللە بولغان ۋاقىتلاردا دۇنيا گۈزەلگە تولسۇن
ئەتراپىڭدىن كېتەلمەيمەن مەن ساڭىلا مەپتۇن
يانلىرىڭدىن مەن پەرۋانى ساڭا زەخمە تەگمىسۇن
قىيىنچىلىقتىن غالىپ كېلىپ سېنى باسسام باغرىمغا
تاغدەك قىيىنچىلىق بولسا مەيلى سەن بولساڭلار يېنىمدا
Hook:
ئەتىرگۈلدەك خوش ئىدىڭ دىمىقىمغا ئۇرۇلسا
سېنىڭ ئۈچۈن سوققان يۈرەك رېتىمىدا جىمىسا
ئەتىرگۈلنىڭ ئارىسىدىن سېنى ئىزدىسەم
شېرىن شېكەر گەپلەرنى ساڭا سۆزلىسەم