作词 : KWR
作曲 : KWR
编曲 : KWR
Vrease1:
ھەقىقەتنى يېزىپ كەلدىم ھازىرغىچە بىلسەك
پىكىر بىلەن چاتىقىم يوق كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەڭ
نۇرغۇن كېچىنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم دەرت بىلەن چېكىپ
يېتىلغان يارامنى ئۆز ئۆزۈم تىكىپ
ھەۋەس قىلاتتىم ئەركىن ئۇچۇپ يۈرگەن بۈركۈتكە
شۇنداق قايتقۇم بار قايتالمايمەن بالىلىققا
قارغاشلار جىق بولىدۇ ماختاشلار ئاز
كوچىدىكى پاراڭلارنىڭ جىقلىرى ماز
ئىسمىم ماڭا دورا ئارزۇيۇڭنى بويلا
جېنىم تېنىمدا قەلەم قولۇمدا
كىچىك تۇرۇپ كۆنۈپ كەتتىم تۇرمۇش چاقچىقىغا
بىلىپ تۇرۇپ چۈشۈپ كەتتىم ئاغىنە دېگەننىڭ قىلتىقىغا
شۇنچە ئېسىل دېگەنلىرىم دەسسەپ ئۆتتى يۈرەكتىن
غەلبە ماڭا كۈلۈمسىرەيتتى خېلى يىراقتىن
دادام دېگەندەك ئاغىنىلىرىم ئاختى
باشقا كۈن چۈشكەندە تۆت تەرەپكە قاچتى
Hook:
ھەقنى دەيسەن ھەقنى كۆرگىنى كۆزۈم
يولىدىن ئېزىپ كەتتىم گۇۋاھچىسى ئۆزۈم
جىق ئىشلارغا ھە دەپ قويدۇم جىق ئىشلارنى كۆرۈپ
جىق ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم مىيىقىدا كۈلۈپ
ھەقنى دەيسەن ھەقنى كۆرگىنى كۆزۈم
يولىدىن ئېزىپ كەتتىم گۇۋاھچىسى ئۆزۈم
جىق ئىشلارغا ھە دەپ قويدۇم جىق ئىشلارنى كۆرۈپ
جىق ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم مىيىقىدا كۈلۈپ
vrease2:
ياۋ توۋا ھەر ئېغىزدا ھەر خىل مەن
بىلمەي قالدىم ئاغىنەممۇ غەيۋەتچى سەن
ئىشەنمەيمەن ھېچكىمگە فامىلىدىن باشقا
ئۇچرىغان بۇ ئازابلار ماس كەلمەيدۇ ياشقا
نېمە دېگەن رەزىل ھەي بۇ تۇرمۇشنىڭ قىلتىقى
شۇنچە بالدۇر تېتىپ كەتتىم بۇ تۇرمۇشنىڭ تەمىنى
بۇ تۇرمۇشنىڭ ئالغىنى چاققان بەكلا تەسكە بەرمىگى
كېرەك ئەمەس سەن خەقلەرنىڭ لازىمى
قەلبىم بۇرۇنلا سويۇپ بولغان قىزىق چوغنىڭ پايدىسى يوق
يېقىنلىرىم ساق بولسىلا بولدى كۆڭلۈم توق
تۇرمۇش ئازاب ئېلىپ كەلسە ھاراق بولىدۇ دورا
ھەممە گەپكە ئىشەنمەي ئارزۇيۇڭنى بويلا
ئېغىزدا سۆزلەش ئاسانمۇ ھەممىدىن
ئەڭ ئاددىيسى قۇتۇلسام باشتىكى غەمدىن
تۇرمۇشنى ئىللىق دەيدۇ مېنىڭچە يالغان
يىقىلساممۇ مەيلىغۇ چۈنكى ئۆزۈم تاللىغان
ۋاز كېچىشنى ئويلىغان ئەمما ۋىجدان ئۇنىماي
مەيلى قانداق بولسا بولسۇن تىرىشىمەن يانماي
نام ئاتاقنى ئويلىسام خۇددى مەندىن يىراقتەك
يىراقتىن كۈلۈمسىرەيتتى مېنى تاپ دەپ
ئىنسان قەلبى خۇددى ئېچىلمىغان سىردەك
ئېيتقىنىم رەپ ئاڭلا ئەمەس دەت
كېچىسى ھەمرا زىيان بىلەن چاقماق
مەن بەكلا ھاردىم بولدى قىلما چاقچاق