作词 : 白百依
作曲 : 白百依
بۇلبۇل ناۋاسى
مۇزىكىسى / ئاكورتلاشتۇرغۇچى : شۆھرەت رايموۋ .
تىكىستى : غوجى مەتقۇربان .
ناخشىدا : خەيرىگۈل ئىمىن .
يۇلىڭىزغا ئىنتىزار بولدۇممەن نەچچە رەت،
يۈرۈگۈمنى ئەزدى يارىم سېغىنىشلىق دەرت .
يۇلىڭىزغا ئىنتىزار بولدۇممەن نەچچە رەت ،
يۈرۈگۈمنى ئەزدى يارىم سېغىنىشلىق دەرت ،
جانىمغا جان جان قېتىلىپ كەتتىم ئېچىلىپ
يارىم سىزنى كەپتۇ دەپ خوش بولدۇم ئەجەپ ،
جانىمغا جان جان قېتىلىپ كەتتىم ئېچىلىپ ،
يارىم سىزنى كەپتۇ دەپ خوش بولدۇم ئەجەپ .
ئاشۇ گۈزەل باغلىرىمدا جانىم سىز بىلەن
زەپ مۇڭداشقىم كەلدىغۇ شىرىن سۆز بىلەن
پۇرىقىنى چاچسا گۈل جۆر بۇلۇپ بۇلبۇل ،
ناۋا قىلار توختىماي يارىم بىز بىلەن .
ئەمدى كەتكۈزمەيمەن يارىم ھەم كىتەلمەيسىز ،
مەن بولمىسام ئۆزگىگە يار دەرت تۈكەلمەيسىز ،
ئەمدى كەتكۈزمەيمەن يارىم ھەم كىتەلمەيسىز ،
مەن بولمىسام ئۆزگىگە يار دەرت تۈكەلمەيسىز ،
قۇلىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ جان قۇيۇپ بەرمەيمەن ،
ئۈتىمەن دەپ خەق بىلەن ياق ئۈتەلمەيسىز ،
قۇلىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ جان قۇيۇپ بەرمەيمەن ،
ئۈتىمەن دەپ خەق بىلەن ياق ئۈتەلمەيسىز .
ئاشۇ گۈزەل باغلىرىمدا جانىم سىز بىلەن ،
زەپ مۇڭداشقىم كەلدىغۇ شىرىن سۆز بىلەن،
پۇرىقىنى چاچسا گۈل جۆر بۇلۇپ بۇلبۇل ،
ناۋا قىلار توختىماي يارىم بىز بىلەن ،
پۇرىقىنى چاچسا گۈل جۆر بۇلۇپ بۇلبۇل ،
ناۋا قىلار توختىماي يارىم بىز بىلەن .
يۇلىڭىزغا ئىنتىزار بولدۇممەن نەچچە رەت ،
يۈرۈگۈمنى ئەزدى يارىم سېغىنىشلىق دەرت،
جانىمغا جان جان قېتىلىپ كەتتىم ئېچىلىپ ،
يارىم سىزنى كەپتۇ دەپ خوش بولدۇم ئەجەپ،
يارىم سىزنى كەپتۇ دەپ خوش بولدۇم ئەجەپ .