作词 : Hayrigul-Abdulla
作曲 : Hayrigul-Abdulla
编曲 : Hayrigul-Abdulla
سەن يارىمدىن ھەيرانمەن جېنىمما
بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن
يارىم ماڭا باقمىساڭ ، جېنىما
ئۆمۈر بويى يىغلايمەن
باغقا كىردىم غەم بىلەن جېنىمما
گۈلنى ئۈزدۈم پەم بىلەن
قاچان بىرگە بولارمىز جېنىمما
سىز قەدىردان يار بىلەن
سىلەر بىزگە مەپتۇنەي دادۈي
كۈيىمىزگە مەپتۇن ۋېي دادەي
ھەممە ئىشنىڭ چېغى بار جېنىمما
يۈرۈكۈمنىڭ بېغى بار
ئويلىماستىن يار تۇتساڭ ، جېنىممۇ
ئاخىرى دەردى بار
قىزىل گۈلنى دېمىسەم جېنىمما
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق
سەن يايرىمنى دېمىسەم جېنىممۇ
بۇ شەھەردە يۈرگۈم يوق