作词 : Asimgul·Yasin
作曲 : Asimgul·Yasin
جانانلار
تىكىستى : ئاسىمگۈل ياسىن
مۇزىكىسى : ئاسىمگۈل ياسىن
ناخشىدا: ئاسىمگۈل ياسىن
يېڭىپ جەۋرى -جاپانى
ئىسىل بىلىپ ۋاپانى
سۆيگۈ ئۈچۈن ياشىغان
قەلبى گۈلخان جانانلار
يۈزىنى سىلار شاماللار
كۆڭلىدە كۆپ خىياللار
مۇھاببەتتە مەرت ئۆزى
دەرتكە دەرمان جانانلار
نەقرات:
جانانلار ئا جانانلار
قەلبى گۈلخان جانانلار
جانانلار ئا جانانلار
ۋاي ! چىھرى ئايدەك جانانلار
گاھى ئالتۇن ئالدۇرۇپ
گاھى ساراي سالدۇرۇپ
گاھى ھاڭ -تاڭ قالدۇرۇپ
سىزگە ۋىسال جانانلار
نەقرات:
جانانلار ئا جانانلار
قەلبى گۈلخان جانانلار
جانانلار ئا جانانلار
ۋاي ! چىھرى ئايدەك جانانلار
بىرى كەلدى گۈل ئېلىپ
بىرى دىلغا دەرت سېلىپ
بىرى يىغلار ئۈن سېلىپ
ئارمانى كۆپ جانانلار
نەقرات:
جانانلار ئا جانانلار
قەلبى گۈلخان جانانلار
جانانلار ئا جانانلار
ۋاي ! چىھرى ئايدەك جانانلار