يارىمغا چاي تۇتتۇم چاتما
تىكىستى مۇزىكىسى :خەلىق
ناخشىدا ئاسىمگۈل ياسىن
Music
باغدا گۈللەر ئاچىلامدۇ چىمەنگە بېقىپ
مەن يارىمغا چاي تۇتتۇم قەن-ناۋات سېلىپ
ئىچمىسە ئىچكۈزەرمەن ھالىمنى ئېيتىپ
كۆيمىسە كۆيدۈرەمەن ئوت بۇلۇپ يېنىپ
زادى ئۇيقۇم كەلمەيدۇ سىنى ياد ئىتىپ
گاھى تۇرۇپ قالارمەن خىيالغا پېتىپ
Music
ۋاي يۈرۈگۈم ئالما ئەمەستۇر
سەنلا ئۈزۈپ ئوينايدىغان
خالىساڭ چىشلەپ قۇيۇپ خالىمىساڭ
چۆل-دەشتلەرگە تاشلايدىغان
Music
زەپ سېغىندىم بارالمادىم ئارىمىز يىراق
سەن يارىمدىن كىچەي دىسەم ئۆچمەيدۇ پىراق
ئەي … ئەي … ئەي…
Music
ئالەم ئۇزۇن ئۆمۈر قىسقا ئىنسان بەختىگە
قىسقا ئۆمرۈم يىتەلەمۇ يارنىڭ ۋەسلىگە
ئەي … ئەي … ئەي…