作词 : 麦麦提艾力·托合提
作曲 : Alimjan Tohti
编曲 : 艾热提江·吐尔逊
编曲:艾热提江
چىرايلىق
music
قايرىلىپ بىرلا قاراپ دىلدا قالدى چىرايلىق
كەتتى ئەمما ئالدىراپ جاننى ئالدى چىرايلىق

ئاخشى ئايغا قاراپ يۈزىنى قىلدىم خىيال
مەن كۆيۈپ بولدۇم كاۋاپ ئوتقا سالدى چىرايلىق
music
ئىزلىدىم كۈتتۈم ئۇنى بولدى قەلبىم ئىنتىزار
يولىدا كۈن-تۈن قاراپ كۆزۈم تالدى چىرايلىق

كۆزلەرگە تولدى ئەلەم ناخشا ئېيتتىم مۇڭلۇنۇپ
يۈرۈكۈمنىڭ يىپىنى تار قىپ چالدى چىرايلىق
مەن ئاڭا قىلدىم سالام نەدە كۆرسەم باش ئېگىپ
رازىمەن ئاخىر مېنى ئەسكە ئالدى چىرايلىق