作词 : Alimjan Tohti
作曲 : Alimjan Tohti
编曲 : Perhat Gheni
تېكىست تەرجىمىسى: ئالىمجان توختى
بۇرۇنقىدەك يۈرەگىمنى ئېزەلمەيسەن
بىزار قىلغان شۇ سۆيگۈمنى سېزەلمەيسەن
خەيىرلەشتىم نە قەدرى يوق مۇھەببەتتىن
كەچۈر، ئەمدى ھاياتىمغا كىرەلمەيسەن
كېرەگىدىن ئارتۇق سۆيگەچ ئازار ئەتتىڭ
سۆيگۈ كۈتسەم ماڭا ئازابنى كۆرسەتتىڭ
يۈرەگىمدىن ئۆزۈڭ خالاپ چىقىپ كەتتىڭ
كەچۈر ئەمدى ھاياتىمغا كىرەلمەيسەن
مۇزىكا
سەنسىز ئۆتمەس دېگەن كۈننى ئۆتكۈزدۈممەن
ئۆز-ئۆزۈمنى سەنسىزلىككە كۆندۈردۈممەن
ھاياتىمدىن سەن بار قۇرنى ئۆچۈردۈممەن
كەچۈر ئەمدى ھاياتىمغا كىرەلمەيسەن
سېزەلمىدىڭ سېنى شۇنچە سۆيگەن چاغدا
يۈتەر سۆيگۈم سېنىڭ ئەقلىڭ تېپىلغاندا
ئامالسىز سەن كۆڭۈل ئىشكىم يېپىلغاندا
كەچۈر ئەمدى ھاياتىمغا كىرەلمەيسەن