作词 : Mamtimin Mamut
作曲 : Mamtimin Mamut
سۆزى : تۇرسۇنجان ئەھەت
موزىكىسى : مەمتىمىن مامۇت
--ئورۇنلىغۇچى--
ئابدۇللا ئابدۇريىم
ماخمۇت سۇلايمان
ئەركىن ئابدۇللا
بىزگە تونۇش شۇ ئىزلار چاقناپ تۇرار كۆمۈلمەي
بېسىپ كەلگەن قەدەملەر داۋام قىلار ئۈزۈلمەي

يايلاقلاردا دالىدا تۇلپار مىنگەن ئەر ئىزى
قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن بۈيۈكلۈكنىڭ يۇلتۇزى

ئىز سالغان بىز ھاياتقا تەكلىماكان قېتىدىن
جىلۋە قىلار سەلتەنەت مىڭ ئۆيلەرنىڭ بېتىدىن

ئىز سورايمىز تارىمدىن يول سورايمىز كارۋاندىن
بىز تاپارمىز بەختنى ئەجداد ئاشقان داۋاندىن

موھىر قىلىپ تاشلارغا سۆزىمىزنى يازغان بىز
ۋادىسىغا تارىمنىڭ تالاي ھېكمەت پۈتكەن بىز

كولدۇرمىسى كارۋاننىڭ مۇقاملاردىن ئۈن ئالغان
ئەجدادلارنىڭ شۆھرىتى مۇقام بىلەن تارالغان

ئەجداد ئىزى بىر قامۇس ھەر بېتىدە سىر ھېكمەت
جۇلالايدۇ ئۆچمەيدۇ تاغ كۆچسىمۇ نەچچە رەت

ئەجداد يولى ئۇلۇغ يول ئەجداد ئىزى ئۆچمەس ئىز
ئۆچمەس مەڭگۈ ئىزىمىز ئەشۇ يولدا ماڭساق بىز