作词 : Mamtimin Mamut
作曲 : Mamtimin Mamut
ئالما ساتقۇچى بوۋاي
سۆزى : سائادەت ساتتار(ئايتۇغ)
موزىكىسى : مەمتىمىن مامۇت
ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى
جاندىن ئۆتەر شۇ ئاچچىق سوغۇق،
بىرى بىزار ئىسسىق ئۆيىدىن
بىرلىرىگە كىرگەن ئۆي يوق.
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يوپۇرماق
ئۇچۇپ چۈشتى قارنىڭ ئۈستىگە،
ھارۋىسىنى سۆرەپ يۈرىدۇ
باققال بوۋاي كونا رەستىدە.
خېرىدارسىز ئۈششۈگەن ئالما
ئىگىسىدەك تۇرىدۇ مىسكىن،
ئالدىراشلا ئۆتەر كىشىلەر
پەرۋا قىلماس ئۇلارغا ھېچكىم.
بوۋاي قولى تىترەپ تۇرسىمۇ
ئالمىلارنى تىزىدۇ تاللاپ.
مادارى يوق يەتمەيدۇ ئۇنىڭ
ئالمىلارنى سېتىشقا توۋلاپ.
قاراپ قويسا بىرى ناۋادا
نۇرلىنىدۇ بوۋاينىڭ كۆزى
تاللىۋېلىڭ غۇلجا ئالمىسى
تەكرارلىنار شۇ كونا سۆزى.
ئۈرۈمچىنىڭ كەچكۈز ئاخشىمى
جاندىن ئۆتەر شۇ ئاچچىق سوغۇق،
يەنە شۇنداق توۋلىدى بوۋاي
ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازدا بوغۇق.