作词 : 艾热提·麦麦提
作曲 : elxat turgun
بار
ئېلشات تۇرغۇن
سېنى ئۇنتۇپ ئىشەنگەنلىرىڭ .
تاشلاپ يىراق كېتىشلىرى بار .
ئۆزۈڭدىنمۇ چوڭ بىلگەنلىرىڭ .
تەتۈر قاراپ مېڭىشلىرى بار .
ھايات يولى ئەگرى توقايلىق .
ئۇشبۇ يولنىڭ سىناقلىرى بار .
ياخشى ئۆتسەڭ ھەممە قوللايدۇ .
يامان ئۆتسەڭ قىلتاقلىرى بار .
ئەزەلدىنلا بولغاچ ئاق كۆڭۈل .
دۈشمەنگە چاي تۇتۇشلىرىڭ بار .
باغلىرىڭدىن تىزىپ گۈلدەستە .
كۈلۈپ تۇرۇپ سۇنۇشلىرىڭ بار .
كەتكەنلەردىن ئاغرىنما دوستۇم
ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىلىرى بار .
سىرداش بولۇپ كۆيۈڭگە جۆر بوپ .
ساڭا ئېيتار ناخشىلىرى بار .