گەپ تولا
ئورۇنلىغۇچى:ئېلشات تۇرغۇن
تېكىست: خاسىيەتگۈل ھامۇت
مۇزىكىسى ئاكۇرتلاشتۇرغۇچى: ئەخمەتجان مەمەت ئېلى
ئاۋاز ئالغۇچى: يارقىن ئېزىز
گەپ تولا گەپ تولا مەھەللىمىزدە ، گەپ تولا
مەھەللىمىزدە جانان بار ، ئۇنىڭغا بەك مەيلىم بار
كۆڭلىنى ئالاي دېسەم ئارقىمىزدىن گەپ تولا
گەپ تولا گەپ تولا مەھەللىمىزدە ، گەپ تولا
سۆزلىرى شېرىن شېكەر كۆزلىرىگە مەن شەيدا
كۆڭۈل بەرسەم جانانغا ئارقىمىزدىن گەپ تولا
گەپ تولا گەپ تولا مەھەللىمىزدە ، گەپ تولا
گەپ بولسا بولىۋەرسۇن چىدىمايمەن مەن يارغا
كۆڭلىنى ئېلىپ ھامان جۆر بولىمەن مەن يارىغا
گەپ تولا گەپ تولا مەھەللىمىزدە ، گەپ تولا