搜索历史
热门搜索
电影
热
搜
词
See You AgainA Thousand YearsFree LoopBecause Of You星辰大海海底power错位时空万疆Beautiful怨苍天变了心Stay With Me稻香成都酒醉的蝴蝶解药踏山河你能不能不要离开我
00:00/00:00
高速下载歌曲(或右键目标另存为)
下载歌曲到手机
下载歌曲到手机APP
随时随地任意搜索并下载全网无损歌曲
扫描右侧二维码下载歌曲到手机
扫描下方二维码下载歌曲到手机
免费获取更多无损音乐下载链接
下载地址
https://www.xzmp3.com/down/79b1c8d708e4.mp3
点击复制
作词 : RiTSAR
作曲 : RiTSAR
编曲 : RiTSAR
« يىتىم نالىسى »
VERSE 1 :
مەن ئاددىي ھەم بەخىتلىك بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان ،
ئاتا-ئانامنىڭ مېھرىدە خۇشال-خۇرام چوڭ بولغان .
« جىنىم ئوغلۇم »دەپ ئەركىلىتىپ قىلمىغىنى قالمىغان ،
يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا مەن بىرنى ئۇرۇپ سالمىغان .
دېھقان ئاتام كەچ كىرگىچە ئېتىزلىقتا ئىشلىگەن ،
قاتتىق ناننى ئانام يەيتى يۇمشاقنى مەن چىشلىگەن .
تاغدەك دادام ئوڭ يىنىمدا ،
باغدەك ئانام سول يىنىمدا ،
مەن ئوتتۇرىدا ئۇلار مېنى قوللۇرۇمدىن يىتىلىگەن .
شوخلۇقۇمدا سۈپۈرگىنى گىتتار قىلىپ چالاتتىم ،
داستىخانغا تاماق كەلسە ئەڭ ئاۋال مەن ئالاتتىم .
ئۆگىنىش نەتىجەم ناچار بولغاچ دائىم ئارقىدا قالاتتىم ،
ساۋاتسىز ئاتا-ئانامنى ئالداش ئەڭ قالتىس تالانتىم !
مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا دەرۋازىنى قاقاتتىم ،
تاپشۇرۇق ئىشلىمەي كارتون كۆرۈپ مۈشۈكۈمنى باقاتتىم .
كۈپكۈندۈزدە توك ئىسراپ قىلىپ چىراقلارنى ياقاتتىم ،
تۆت كۈندە بىر خوشنىلارنىڭ دەرىزىسىنى چاقاتتىم .
7 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنۈمدە : _« باغچىغا كىرىمەن »دەپ تۇرۇۋالدىم ،
دادام : _« ئەتە ئەكىرەي »دىسە كەپسىزلىك قىلىپ ئۇرۇۋالدىم .
ئانام مېنى بەزلىسىمۇ قاپىقىمنى تۈرۈۋالدىم ،
ئۇلارنى ئاخىرى بويسۇندۇردۇم باغچىدا ئويناپ كۈلۈۋالدىم .
كەچ بولغاندا ئالدىدا يۈگۈرەپ بىر دوقمۇشتىن قايرىلدىم ،
مەست بوپ قالغان شوپۇر سەۋەبلىك ئاتا-ئانامدىن ئايرىلدىم .
يۈرەكتە ئۆچمەس داغ قالدۇردى شۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى !
ماشىنىنىڭ تورمۇز ئاۋازى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ قانلىق پاجىئەسى !
شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىپ كەتتى« كەۋسەر »دىگەن ئىتىم !
نەگە بارسام چەتكە قېقىپ دىيىشتى مېنى« يىتىم »!
ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىدا يىغلىدىم نەچچە يۈز قېتىم !
ئاھ … تەلتۆكۈس ئۆزگەرگەنتى مېنىڭ تارىخ بېتىم !!
Hook :
ئاتا-ئاناڭ ھاياتىڭدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
يىنىڭدا بولسا ئىللىق تۇيۇلار سوغۇق قىش قەھرىتانلار .
ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن مۈكچەيگەن قەدىردانلار ،
ئەتراپىڭغا نەزەر سالساڭ كۆپتۇر بىزدەك سەرگەردانلار .
مانا مەن كوچىدىن كەلگەن جەمىيەتنىڭ بالىسى ،
ئاڭلىغىنىڭلار بىر يىتىمنىڭ ھەسرەتلىك نالىسى .
بۇرۇن ئىدىم مەنمۇ جان ئانامنىڭ يۈرەك پارىسى ،
نەدە بادۇ بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى .....؟!
VERSE 2 :
كىيىن مېنى شەھەردىكى بىر تۇققىنىمىز بېقىۋالدى ،
لېكىن ئۆگەي ئاپام كۈندە چاياندەك چېقىۋالدى !
2 ئاي چىداپ تاياق دەستىدە ئۇ ئۆيدىنمۇ چىقىپ كەتتىم !
چىملىقتا ئۇخلاپ ، بوتۇلكا تېرىپ جىنىمنىمۇ بىقىپ كەتتىم !
ياز كەلگەندە يېڭى بازاردا توۋلاپ يۈرۈپ پايپاق ساتتىم ،
قىش كەلگەندە دۆڭ مەھەللىدىكى مامۇتكام بىلەن ماتاڭ ساتتىم .
قاسىمكام بىلەن قوغۇن سېتىپ ،
تۇرسۇنكام بىلەن تاۋۇز ساتتىم ،
15 ياشتا شوگۇڭ( 小工 )ئىشلەپ خىش توشۇپ ھەم لاي تارتتىم !
شۇۋاقىتتا دىدىم ئۆزۈمگە : « ياخشى ئاڭلا كەۋسەر !
سەن دىگەن بىر ئوغۇل بالا بولۇشۇڭ كېرەك قەيسەر !
تەنھا يىتىم بوپ قالساڭمۇ چىقىش يولۇڭنى تاپالايسەن ،
دۇنيا ئۆزى بىر يازغۇچى .» سەنچۇ ؟! « نادىر ئەسەر »!!
ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇم مەن ئانچە-مۇنچە پۇل تاپتىم ،
ئون نەچچە يىل جاھان كىزىپ تىك ماڭغۇدەك يول تاپتىم .
دەردىمگە دەرمان بولغۇدەك مۇھەببەتلىك قول تاپتىم ،
پۇل بار ، يول بار شۇڭىلاشقا نۇرغۇنلىغان دوست تاپتىم .
تىجارەتكە كىرىشتىم مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشتىم ،
تىرىشچانلىق بىكارغا كەتمىدى ئەجرىمگە چۇشلۇق ئېرىشتىم .
قاچالمايمىز قېرىشتىن ھەم قەبرە ئالدىغا بېرىشتىن ،
تۇرمۇش گويا بىر مۇسابىقە بۆلەك تاللاش يوق يېڭىشتىن !
ئەپسۇس ،، ھەي …
ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارماي تىجارىتىم ۋەيران بولدى ،
ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى .
دوستلۇرۇمغا كۈلكە بولسا دۈشمىنىمگە بايرام بولدى ،
سۆيگۈنۈمنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكەن يىرى سايرام بولدى !
قولۇمدا تاماكا ئاغزىمدا ئىس ! كۈنۈم ئۆتىدۇ قاۋاقتا ،
مەي دىگەننى ۋۇسۇڭ كەبى ئىچتىم ئاپقۇر ، تاۋاقتا .
كەچ كىرگەندە سەتەڭلەر بىلەن قولتۇقلىشىپ ياتاققا ،
ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قالدىم يامان ئاتاققا !!
Hook 2 :
ئاتا-ئاناڭ ھاياتىڭدا ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىمانلار ،
يىنىڭدا بولسا ئىللىق تۇيۇلار سوغۇق قىش قەھرىتانلار .
ئۆمرۈڭلار ئۇزۇن بولسۇن مۈكچەيگەن قەدىردانلار ،
ئەتراپىڭغا نەزەر سالساڭ كۆپتۇر بىزدەك سەرگەردانلار .
مانا مەن كوچىدىن كەلگەن جەمىيەتنىڭ بالىسى ،
ئاڭلىغىنىڭلار بىر يىتىمنىڭ ھەسرەتلىك نالىسى .
بۇرۇن ئىدىم مەنمۇ جان ئانامنىڭ يۈرەك پارىسى ،
ھازىر بولدۇم دادامنىڭ ئەمەس داشقاللارنىڭ ۋارىسى !
خاتىمە :
_« پاكىز تەپەككۇر ، پاسكىنا تەسەۋۋۇردىن قۇتۇلۇشنىڭ پاراسەتلىك چارىسى »........
قەلەمدە : _ رىتسار ( چەۋەنداز )
2021-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ، سەھەر .
上一首歌:Dadamgha XetMP3下载
下一首歌:Ghayip DostMP3下载
热门歌手
周杰伦 邓丽君 降央卓玛 王琪 刘德华 王菲 BLACKPINK 海来阿木 薛之谦 Taylor Swift 邓紫棋 庄心妍 王靖雯不胖 程响 BIGBANG 李荣浩 莫文蔚 张杰 Adele
Yitim Nalisi其它版本下载
DunyaMP3下载 MatRos,Tar Kocha
Dadamgha XetMP3下载 Tar Kocha,RiTSAR
Yitim NalisiMP3下载 RiTSAR,Tar Kocha
Ghayip DostMP3下载 Tar Kocha,RiTSAR
Hiyanet ( 背叛 )MP3下载 RiTSAR,Tar Kocha
MuzLiGhan YuRakMP3下载 RiTSAR,Tar Kocha
GulzarMP3下载 RiTSAR,Tar Kocha
Anamgha RehmetMP3下载 Tar Kocha,RiTSAR
RiTSAR,Tar Kocha热门歌曲下载
TENGSIZ DUNYA ( Prod by Lv9 )MP3下载 Tar Kocha,RiTSAR,MD
其他人正在下载的歌
Plague (Live)MP3下载 John Medeski,Matt Hollenberg,Kenny Grohowski
Danse Macabre (Live)MP3下载 John Medeski,Matt Hollenberg,Kenny Grohowski
Dark Pageant (Live)MP3下载 John Medeski,Matt Hollenberg,Kenny Grohowski
MelmothMP3下载 John Zorn,John Medeski,Matt Hollenberg,Kenny Grohowski
Flowers of HeavenMP3下载 John Zorn,John Medeski,Matt Hollenberg,Kenny Grohowski
ewqdfsgwfgW#$%$%^345@#$%@#MP3下载 账号弃用
@#$%EGW$%SFDHrwfh45hw4352MP3下载 账号弃用
asdfkj234i92tjwijg8js9ud0j24tMP3下载 账号弃用
北地之森的生机搏动MP3下载 账号弃用
djsfqh34t9dfQ#%@#$^MP3下载 账号弃用
关于我们 网站地图 免责声明 商务合作
本站所有数据均系网友搜集自互联网后分享,本站服务器不存储任何音乐文件,也无意侵犯您的版权,如若任何人声称是任何音乐的版权所有人,请联系本站会尽快删,郑重声明本站旨在无损音乐交流分享,不与任何店铺或机构合作参与任何形式的获利行为,敬请网友注意谨防受骗!