作词 : Tar Kocha/RiTSAR
作曲 : Skel/Red killer
编曲 : Tar Kocha/RiTSAR
《 ئانامغا رەھمەت 》
توققۇز ئاي ، توققۇز كۈن ، قورساق كۆتۈرۈپ باقتىڭىز ،
تۇغۇلغاندا « جان قوزام » دەپ يۈرىكىڭىزگە ياقتىڭىز .
تونۇر بېشىدا كۆيدى يۈزلە بۇرۇن قاردەك ئاقتىڭىز ،
« بالام » دەپلا ئۆتۈپ كەتتى سىزنىڭكى ياش ۋاقتىڭىز .
دادام بولسا دېڭىز ئىدى سىز دەريا بوپ ئاقتىڭىز ،
ھازىر ئۇيقۇڭىز بەك ئاز ياش ۋاختىڭىزدا ساقتىڭىز .
تالاي كۈنلەر ئىتىزدا ئىشلەپ ، قاتتىق-قۇرۇق ناننى چىشلەپ ،
پەرزەنت ئۈچۈن ، ئائىلە ئۈچۈن تۈگىمەس جاپا تارتتىڭىز !
تۈن كىچىدە بىز ئۇخلىساق جاپا تارتىپ كىر يۇيۇپ ،
كۈندۈزلىرى ھويلا-ئارام ، گۈللۈكلەرگە سۇ قۇيۇپ .
دادام بىلەن تەڭ ئىشلەپ يەنە ئىتىزلارنى سۇغۇرۇپ ،
چۈشتە ھېرىپ ئۆيگە كىرىپ ئاشقا خېمىر يۇغۇرۇپ .
ئۆيىمىز گەرچە باي بولمىسىمۇ يوقسۇزلۇقنى چاندۇرماي ،
ئىشىك ئالدىغا كەلگەن مۇھتاجنى قۇرۇق قول ياندۇرماي .
ھەتتا مۈشكۈل كۈندىمۇ بىزنى مەكتەپلەردىن قالدۇرماي ،
سىڭدۈرگەن شۇ مېھنىتىڭىزنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئالدىرىماي .
ئەجرىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ ، مەن ياخشى ئوقۇيالمىدىم ،
راست گەپنى دېدىم بۈگۈن يالغان گەپنى توقۇيالمىدىم .
كۈچ-قۇدرەتلىك تاغدەك دادا ، قوينى كەڭرى باغدەك ئانا ،
مەن خىجىل كەچۈرۈڭلا ئۈمىدلەرنى ئاقلىيالمىدىم .
بۇغدايلىقتا ، قوناقلىقتا ، كىۋەزلىكتە ، پارنىكتە ،
كۈندە ئىشلەپ قاپىرىپ كەتتى قولىڭىزنىڭ ئالقىنى .
2006 ، 1-ئايدا مەن ئوپراتسىيە قىلىنغاندا ،
پۇل كاملىدى سېتىۋەتتىڭىز تويلۇق ئۈزۈك ، ھالقىنى !
جىنىم ئانا ھازىرغىچە مىنى قوغداپ كەلدىڭىز ،
يۈرۈكۈمدە ئۇچقۇنلايدۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى .
مەن چوڭ بولدۇم بۇندىن كىيىن قوغداش نۆۋىتى ماڭا كەلدى ،
پۈتۈن تىنىم سىز ئۈچۈن سىپارتاكنىڭ قالقىنى !
Hook :
قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
كىچىكىمدە ئاغرىپ قىلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىشتا قەھرىتاندا ،
مېنى جاپادا چوڭ قىلغان ئانامغا رەھمەت .
كەلسە بېشىمغا كۈلپەتلەر قوغدايدىغان قەھرىمان با ،
ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت .
يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش دەل بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز .
Verse2 :
ئېسىمدە بار ئون يىل بۇرۇن چاچلىرىڭىز قاپقارا ،
يۈزىڭىزدە ھېچ قورۇق يوق ، شۇنچە گۈزەل ساپمۇ-ساق .
پەرزەنت ئىشقىدا كۆيدىڭىز ھەم چىن يۈرەكتىن سۆيدىڭىز ،
چىرايلارنى قورۇق باستى چاچلارغا سانجىلدى ئاق .
يۇمشاق ناننى بىزگە بېرىپ قاتتىق ناننى يەيتىڭىز ،
_« داداڭ گەپ قىلالمىغاچقا روھىڭ چۈشكۈن »_دەيتىڭىز .
ئالتۇن تېنىڭىز ئامان بولسۇن سىزگە يەتمىسۇن زەخمەت ،
ھەم ئانا ھەم دادا بولغان جان ئانامغا رەخمەت .
« ئانا »كۈيلەر بارچە شائىر مەغرىپتىن مەشرىققىچە ،
چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بەرگەن مۇھەببىتى باشقىچە .
بارچە ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ تېنى ساغلام تىمەن بولغاي ،
ئۆمرۈڭلار ھەم ئۇزۇن بولسۇن ياشاڭلار يۈز ياشقىچە !
سوراپ باققىن سەن ئۆزۈڭدىن ، ئاناڭ كۆڭلىنى ئۇتالىدىڭمۇ ؟
ئويۇن-تاماشا ، ھىسىيات ئالدىدا سەن ئۆزۈڭنى تۇتالىدىڭمۇ ؟
قېنى سەندىكى ئىرادە ؟ قېنى سەندىكى سۈرئەت ؟
قېنى سەندىكى ئەركەكلەرگە خاس بولغان جۈرئەت !؟
نىمىلەرنى قىلالىدىڭ ؟ كۆڭلۈڭگە ئېنىق ئايان ،
شۇڭىلاشقا مەن بۇيەردە قىلىۋاتىمەن ساڭا بايان .
گەپ-سۆزدە ، ئىش-ھەرىكەتتە ئاناڭنى قەتئىي رەنجىتمە ،
نەشتىرىڭنى سانجىمىغىن سەن ئەمەس ھەرگىز چايان !
بۇلارنى مەن سۆزلەۋاتسام خىيالىڭ كەتتى قايان ؟
ئەركەك بولساڭ ياشاش ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ كۈچىگە تايان .
ئانىلار قەلبى پەرزەنت ئۈچۈن دېڭىز كەبى بىپايان ،
ئۇلار مېھرىدىن ياشنايدۇ يەتتە قىتئە تۆت ئوكيان .
ئاخىرىدا مەن ئەسكەرتەي : پەرزەنتلەرنىڭ سەمىگە ،
ئاناڭ بۈيۈك ، ئاناڭ گۈزەل ئۇ گويادۇر پەرىزات .
ئەنسىرىتىپ ھەركۈنى ، خاپا قىلما سەن ئۇنى ،
چىن قەلبىڭدىن سۆيسەڭچۇ ، ئېھ ! ئەقىللىق ئادىمزات .
Hook 2 :
قۇياش نۇرى تۈننى يېرىپ تاڭلار قايتا ئاتقاندا ،
كىچىكىمدە ئاغرىپ قىلىپ مەن بالنىستا ياتقاندا .
دوختۇر ئاچاش يىڭنە سانجىپ ماڭا ئوكۇل ئاسقاندا ،
مەن بىلەن تەڭ يىغلايتىڭىز باغرىڭىزغا باسقاندا .
قوينىڭىز ئەڭ ئىللىق ماكان سوغۇق قىشتا قەھرىتاندا ،
مېنى جاپادا چوڭ قىلغان ئانامغا رەھمەت .
كەلسە بېشىمغا كۈلپەتلەر قوغدايدىغان قەھرىمان با ،
ماڭا چەكسىز مېھىر بەرگەن ئانامغا رەھمەت .
يەردە قالماس ئەجرىڭىز ، خۇددى ئالماس قەلبىڭىز ،
بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىش دەل بىرئۆمۈرلۈك غەلبىڭىز .
بىزگە كۆيۈپ كەلدىڭىز ، بىزگە سۆيگۈ بەردىڭىز ،
چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلدىم كۆپ ئىكەنغۇ دەردىڭىز ........