作词 : Rejez
作曲 : Internet
混音:Mr.Perman
ئۇھ...ئۆي ئىچى خىرە،
خىرەلىككە خىيالىم گىرە،
گىرەلىكتە يېزىلغان خاتىرە،
پەقەت بۇ خىرەلىك كۆرۈپ خاتىرەمنى قىلماس مېنى مەسخىرە،
كۆر ھالىمنى كۆڭلۈمدۇر زېدە خېلىدىن مەن بوش ھال!
خۇشالدەكما ئېي ئېيتقىنە ھايات خېلىدىن بېرى ئەمەسمەن خۇشال.
كۆڭلۈم پۇچۇق، ئۆزگە قىلار تەكەللۇپ،
تاللىشىم كۆڭۈل قاياشىمغا تەسەررۇپ،
كۆڭۈل ئاجىز ئۇ يۇمشاقلىققا تەرەددۇت،
شۇ ۋەج كۆڭلۈمدە پىغان تەۋەللۇت.
يالغۇز كىشىلىك بىرلا كىرىسلو،
ئۈستەلدە قىزىل رەڭ ئېچىلغان ،
بەلكىم مەن يالغۇزلۇققا ھېرىسمۇ،
تاماكامدا ئەنسىز كۆيەتتى كۈل.
ئەمما غېرىب مەن،
غېرىب مەن،
بۇ كېچە،
غىرىق مەن.
كۆڭلۈمنىڭكى قاياشىغا ئوخشاش،
سىم-سىم يامغۇر ياغاتتى ئەنسىز،
بۇ كېچە ئىچىمدە ئاقسىمۇ ياش،
كۆز چانىقىم يەنە تۇراتتى نەمسىز.
ئەمما كۈلگۈنۈم يوق،
يا بىر ئۆڭگىنىم يوق،
كۆنگىنىم يوق،
يا بىر ئۆلگۈنۈم يوق.
پەقەت ھاراق كەتتى تۇتۇپ،
كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ،
ھاراق بىر گۈلخان،
كۆڭلۈم شىمالىي قۇتۇپ.
ھەي ئامال يوق ، ھەي بىزدە يوقتۇر باشقا ئىمكان،
كەلگەندىن كېيىن ياشايمىز چۈنكى بىز ، پەقەت شۇ دۇنياغا تۆت كۈلۈك مېھمان!
ئېييي مەيىن شامال،
ئېيتقىنە مەندە نېمە ئامال؟
سەن راست گۈزەل!
ساھىبجامال!
كەلگىن ئاستا ئەركىلەپ ئېلىپ كەت دەردىمنى ئۇچۇرۇپ،
چۈنكى بۇ كەچ بولسىمۇ يۈرۈكۈم ساق تۇرۇپ كەتمىسۇن پۇچۇلۇپ.
پەقەت ھاراق كەتتى تۇتۇپ،
كۆڭلۈمنى ئۇتۇپ،
ھاراق بىر گۈلخان،