作词 : Rejez
作曲 : Young-Flow
混音:Mr.Perman
ھاياتقا بېغىشلاپ،
يازغىدەك داستان قالمىدى،
داستان قالمىدى.
يازغىدەك داستان قالمىدى!
ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،
بوستان قالمىدى،
بوستان قالمىدى.
بەلكىم تارتقىنىم پىشانەمگە بولغىنىدۇر نىسىپ، ئېي
ھاياتىم ئالداپ كەتتى كۈلۈپ تۇرۇپ كۆزىنى قىسىپ، ئېي
قەھرىمنىڭ ئوتىنى ئىچىمگە بېسىپ،
سەۋرىمنىڭ تاقىتىنى بوينۇمغا ئېسىپ،
قىل بىلەن باغلاق بوينۇمنى سۈكۈتتە كېسىپ،
بىر مەھەل تىرەجەپ ، ئەمما ئورنىغا كەلمىدى ۋاي ئىسىت.
خۇشلۇق سەھىرىنى كۆرمەي، ئاسمىنىمغا پىغانلىق تۈن چۈشتى،
شۇندىن خەندانغا تەشنا روھىم روھسىز ھالەتتە دۈم چۈشتى،
بوغۇزۇم زەقۇمنى يۈتكەندەك، پەس كويدا ئىچىمگە ئۈن چۈشتى،
ئەمدىلا تۈنگە كۆنگەندەك بولسام بېشىمغا قايناپ كۈن چۈشتى.
ئۆلمۈدۈم ئەمما ئۆلگىلى تاس قالدىم، ئېي...
بىتەلەي قىسمەت قاتىرىغا تاسقالدىم!ئېي...
چىقالماي ئۇشبۇ ئازگالدىن،
يەرگە چۈشكەندەك بولدۇم ئاسماندىن،
ئالدىرماي يەرنىڭ تېگىگىمۇ ئاز قالدىم!
خۇددى ساناقسىز مەۋجۇدات ئارا دۇچارلىق بولغىنى مەن بىر ساناقلىق،
ئىستىدىم پاناھلىق،
لىك مەن يەنىلا دەردىمگە قاماقلىق،
لەختە باغرىم تەسەللىي يىپىدا ياماقلىق،
ئۆكسۈدۈم يۈرۈگۈم بولغاچقا قاناقلىق،
ئىچىمدىن يىغلىدىم ئۈنسىز تاراملىق،
بىلمىدىڭ، نەم بولمىغاچ كۆز چانىقىم لىق!
ھاياتقا بېغىشلاپ،
يازغىدەك داستان قالمىدى،
داستان قالمىدى،
يازغىدەك داستان قالمىدى!
ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،
بوستان قالمىدى،
بوستان قالمىدى.
كۆڭلۈمنىڭ كۆزىگە قاراپ باق سىنچىلاپ،
ياش بارمىكەن سىرغىغان تامچىلاپ،
ئويلىماي دېدىميۇ ئەمما تەقدىر ئېسىمگە سالدى دەرد بىلەن قامچىلاپ،
مەن ئېي چىدىدىم قانچىلاپ؟
يالغاندىن ئۇخلىدىم يانچىلاپ،
ئەمما ، ئاغىنەم تەقدىر ئويغىتار ئەنسىز يارامنى كوچىلاپ.
سوغۇققان باللىتۇق بىر زامان ، باغرىم ئەمدى پاراقشىپ قاينىدى،
قارىماققا تۇرغاندەك ئامان، ئەمما ئىچىمدە پىغانىم ئاينىدى،
شېخىمنىڭ تەختىنى كۆرگەندە قىسمەت پۇتاپ ئېي غولىدىن قايرىدى،
ئۆيۈمنىڭ بەختىگە چىدىماي ئاتامدىن مەزلۇم ئانامنى ئايرىدى.
ئەمما مەن ئامالسىز،
ياكى ئۆلمۈدۈم بولۇپ ئامانسىز.
كۈنۈم ئەمەس قايغۇ قامالسىز،
شۇ ئىسكەنجىدە مەن يارامسىز،
يۈرۈكۈم سوقماسكى بىرەر كۈن چىگىلگەن ھەسرەت تانامسىز،
مۇھىمى 8يىلنى ئۆتكۈزدۈم 8كىلومېتىر يىراقتىكى ئانامسىز.
دەردىمنى تۆكتۈم ئەمما يوقتۇر داۋاغا ھېچ بىر نەرسە،
دەردىم يەتمىگەندەك دەردىم داۋاملىق ئۆرلەپ ئاشتى ھەسسە،
مۇھىمى كۆڭلۈم بىلەن دەردىم ئارىسىدا يوق مۇرەسسە،
شۇندىن ئۇشبۇ نىدا ھاياتىم بەتلىرىدىن خۇلاسە.
ھاياتقا بېغىشلاپ،
يازغىدەك داستان قالمىدى،
داستان قالمىدى.
يازغىدەك داستان قالمىدى!
ھاياتتىن ھەيران قالغۇدەك تېرەك-بوستان،
بوستان قالمىدى،
بوستان قالمىدى.