作词 : Reallmee
作曲 : Reallmee
بەك ئۇزاقتىن ساڭا ئېيتار سۆزۈم بار
لېكىن ھېچ ئېيتالماي يۈرۈيمەن دائىم
شۇ ئىدى ئارزۇيۇم بولساڭ ماڭا يار
دەپلا ئويلايمەن شۇنداق خىيالىم
ئاڭلا سۆزۈمنى قىلماي بۇنچە زار
يەتكۈز ۋەسلىڭگە شۇ مىنىڭ ئارمانىم
سەن ئۈچۈن كۆيگەن بىرلا يۈرەك بار
كەل يېنىمغا بولغىن ئۇماق جانانىم
بولدى ئىنكار قىل بەر كۆڭلۈڭنى ماڭا
چىڭ تۇتاي ئىشەن ئىسسىق قۇلۇڭنى
ئەنسىرمە بەرمەيمەن دىل ئازار ساڭا
ئاغرىتمايمەن ئىشەن ساددا كۆڭلۈڭنى
بىز باشلايلى تەڭلا تۇرمۇشنى ئاستا
ھەم ئىشەنچىم باربىرىشكە بەختىڭنى
مەسئۇلىيەت دىگەن نىمە بىلدىم راسلا
سەن مۇھتاج نىمىگە چۈشەندىم مۇھاببەتنى