作词 : Adiljan-阿迪
作曲 : Adiljan-阿迪
مەن يۈرەتتىم شوخ كۈلۈپ
ھەر خىياللار كۆپ سۈرۈپ
ھەر نەرسىنى تەڭ كۆرۈپ
كۆنگەن مەن شۇنداق يۈرۈپ
ھەر كىمگە ئوخشاش قاراپ
گۇمان قىلماي ئاز ئويلاپ
بۇ تۇرمۇشقا ئاددىي قاراپ
قويدى تەقدىر مىنى ئالداپ
ئۆزگەردى ھەممە ئاستا ئاستا
شۇ خۇشاللىق تەڭ بىراقلا
قالدىم بەلكىم مەن ئارقىدا
شۇ سەۋەب كەتتى يىراققا
ئايرىلدىم نۇرغۇن نەرسىدىن
ئاستا ئاستا ھەر كىملەردىن
ئاغرىندى ھەممىسى مەندىن
مەن تەسەللى تاپاي كىمدىن
كەلسە ماڭا كۆپ بېسىملار
مەندىن ھەممە تەڭ يىراقلار
غەيۋەت قىلار غەلۋە قىلار
مۇشۇنداق مانا بۇ سىناقلار
بەزى سۆزلەر بەك ئاچچىق
نۇرغۇن ئىشلار بەك قاتتىق
ئۆتتى كۈنلەر بەك ئازاپلىق
مەن تاپالماي بىر خۇشاللىق
تۇرمۇش بېسىم قىلسا ماڭا
ھەر كىم ئازار قىلسا يەنا
تەقدىر بەرسە مەيلى باھا
خىجىل بۇلار بىر ۋاقىتتا
كۆڭلۈم دەريا دېڭىز كەبى
بۇ بىر ئاددىي ئادەم ھاياتى
ئاۋال چۈشەن چىن قەلبىمنى