作词 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
作曲 : Mahmutjan Mamut麦合木提江
ئەلۋىدا مۇھەببەت
غۇلامجان ياقۇپ
مۇزىكىسى / تېكىستى:مەخمۇتجان مامۇت
تېكىست تەھرىرى : ئابدۇخالىق
كەچكەن بولساڭ مەنمۇ سەنسىز ياشاي
سەندەكلەردىن كېچىپ ئارام تاپاي
ھەسرىتىڭدىن يۈرەك لەختە تالاي-تالاي
داد-پەريادىم يېتەر، ئەمدى قانداق قىلاي
ھەسرىتىڭدىن يۈرەك لەختە تالاي-تالاي
داد-پەريادىم يېتەر، ئەمدى مەن نە قىلاي
ئەلۋىدا مۇھەببەت
ئەلۋىدا كۆيۈشلەر
ھەم دىدار كۆرۈشلەر
ئەلۋىدا مۇھەببەت
ھەم دىدار كۆرۈشلەر
ئــەلـــۋىــدا …
♬♪مۇزىكا♪♬
سەن ياقتۇرغان، مەن ياقتۇرغان ئاشۇ كۈنلەر
سەۋەبسىزلا خازان بولدى شېرىن كۈنلەر
سەن ياقتۇرغان، مەن ياقتۇرغان ئاشۇ كۈنلەر
سەۋەبسىزلا خازان بولدى شېرىن كۈنلەر
ئىزدىمىدى ، سېغىنمىدى مۇشۇ دەملەر
ۋىجدانى يوق ۋاپاسىزغا كۆيۈپتىمەن
ۋىجدانى يوق ۋاپاسىزغا كۆيۈپتىمەن
كۆپ ئىزدىدىم،ئىزدىمىدى قارا دىللەر
ئاق كۆڭۈلگە بۇ دۇنيادا ئازاب تولا
ۋاپاسىزغا، يالغانچىغا راھەت تولا
لېكىن ئەپسۇس سەندەكلەردىن تامايىم يوق
ۋاپاسىزلار ھامان بىر كۈن ھالاك بولار
ئېچىنمايمەن، سەندەكلەردىن تامايىم يوق
ۋاپاسىزلار ھامان بىر كۈن ھالاك بولار
ئەلۋىدا مۇھەببەت
ئەلۋىدا كۆيۈشلەر
ھەم دىدار كۆرۈشلەر
ئــەلـــۋىــدا !!!
ئەلۋىدا مۇھەببەت
ئەلۋىدا كۆيۈشلەر
ھەم دىدار كۆرۈشلەر
ئــەلـــۋىــدا …
ھەم دىدار كۆرۈشلەر
ئــەلـــۋىــدا …
♡AB♡