编曲 : Mardan Turgun
ئەمدى كۆزۈڭدىن يۈتەرمەن
ئازابتىن يىغلاپ كېتەرمەن
ھېسابىم قالسۇن ناخشاگە
شۇ كۈننى كۈتۈپ كېتەرمەن
سەن ئۇخلاۋەر ئۇيقۇڭنى
ھېچ رەنجىش يوق كۆڭلۈمدە
شامال كەبى سىيپاپ سېنى
سۇ كەبى ئېقىپ كېتەرمەن
يۈرەكنى قىلدىڭ سەن يارا
سېنى دەپ چەكتىم جاپا
تەقدىردىن بولۇپ مەن خاپا
باشىمنى ئېلىپ كېتەرمەن
سۆڭەكتىن ئۆتتى دەردىڭ
لەختە-لەختە يۈرۈكۈم
زەرداب كەبى ۋولقان كەبى
تاغ كەبى پارتىلاپ كىتەرمەن
سۆڭەكتىن ئۆتتى دەردىڭ
لەختە-لەختە يۈرۈكۈم
زەرداب كەبى ۋولقان كەبى
تاغ كەبى پارتىلاپ كىتەرمەن
♪♪ مــۇزىـكــا ♪♪
ساڭا يازغان ناخشامنى
سازىمدا چېلىپ كىتەرمەن
تارتىشمايمەن ھەممىگە
تەنھا ئۆزۈم كېتەرمەن
غازاڭ قىلدىڭ بەختىمنى
بۇ تەقدىرگە نە چارە
جانىم چىدىماس بۇ ئەلەمگە
باغىمدىن كېچىپ كېتەرمەن
غازاڭ قىلدىڭ بەختىمنى
بۇ تەقدىرگە نە چارە
جانىم چىدىماس بۇ ئەلەمگە
باغىمدىن كېچىپ كېتەرمەن
يۈرەكنى قىلدىڭ يارا
سېنى دەپ چەكتىم جاپا
تەقدىردىن بولۇپ مەن خاپا
باشىمنى ئېلىپ كېتەرمەن
سۆڭەكتىن ئۆتتى دەردىڭ
لەختە-لەختە يۈرۈكۈم
زەرداب كەبى ۋولقان كەبى
تاغ كەبى پارتىلاپ كىتەرمەن
سۆڭەكتىن ئۆتتى دەردىڭ
لەختە-لەختە يۈرۈكۈم
زەرداب كەبى ۋولقان كەبى
تاغ كەبى پارتىلاپ كىتەرمەن
tëkist Tëhrir:DjaGirKeliQ