作词 : Rena-Mijit
作曲 : Rena-Mijit
يۈرۈيدىكەن خىيالچان دېسە
سېغىنىپتۇ گۈلۇنى دەپ قوي
سادىق ئىكەن ئۆز دىلدارغا
سۆيمەيدۇ ئۆزگىنى دەپ قوي
ئۇ يوقكەنغۇ يېنىدا دېسە
يۈرىكىدە بار ئىكەن دەپ قوي
ئويناۋەرسە ئۇ كۆرمەس دېسە
بىرگە سادىق يار ئىكەن دەپ قوي
يالغۇز يۈرگەن ياماندۇر دېسە
خىيانەتتىن ياخشىدۇر دەپ قوي
ئۇمۇ ئىنسان زېرىككەر دېسە
ئاڭا ھەمراھ چىن سۆيگۈ دەپ قوي
مەڭگۈ يالغۇز ئۆتۈشكە رازى
ئۆزگى بىلەن يۈرمەيدۇ دەپ قوي
قېينىسىمۇ ھىجراننىڭ زارى
سەۋىر قىلىپ چىدايدۇ دەپ قوي
سەۋىر قىلىپ چىدايدۇ دەپ قوي