作词 : voked/Losfier
作曲 : voked/Losfier
编曲 : voked/Losfier
كەشتە يالغۇز ئولتىراتتىم سوغۇققىنە ھاۋالىق
بىر قىز كېلىپ ئولتۇردى.
گەپ باشلىدى ھەيران قالدىم قىز دوستىڭىز بارمۇ.
قىز دوستۇم يوق سۆيگىنىم بار بىرەر مەسىلە بارمۇ.
دېدى ئۇ قىز ئانام بىيدەپ دوختۇرخانىدا پۇلۇم يوق
ئىشلەي دېدىم ئوقۇشۇم تۆۋەن، مېنىڭ ھازىر يولۇم يوق.
خىزمەت كېرەك بولسا قىزچاق سىزگە خىزمەت تېپىپ بېرەي.
مەن دوستۇمدىن مائاشىڭىزنى ئالدىن دېيىشىپ ئېلىپ بېرەي.
بەكلا جىددىي مىڭ سوم ھازىر بېرىڭە
كەچتە سىز بىلەن بىللە قالاي كۆڭلۈمنى بىلىڭە
دېدىم قىزچاق ئىشنى پاكىز قىلىپ پاكىز ھەل قىلىشنى ئويلىڭە
چىرايىڭىزدىن پاكىزلىقنى كۆردۈم ياخشى يولنى بويلاڭ.
كارتامنى ئېلىپ تەڭلىدىم، بۇ سىزگە قىلغان ياردەم.
جەمىيەتتە ياخشى كىشىلەر كۆپتۇر ئۇنۇتماڭ ھەردەم
يىغىپ تۇرغان پۇللىرىمنى قوللىغىلا تۇتقۇزدۇم.
مەن ئويلايمەن كېسەل ئەمەس بىر سەبىي قىزنى قۇتقۇزدۇم
ئىككى يۈز سومنى تەڭلىدىم يەنە دوختۇرخانىغا خىراجەت قىلىڭ.
بەك بولمىسا سىزگە تۆت يۈز سوم بېرەي ئۇنى خىراجەت قىلىڭ.
كارتىنى سىزگە ئورنىپ بېرەي رەھمەت، دېمەي ئۇنتۇپ قالماڭ.
ئۆيگە قايتىپ كەلدىم بۇ قىز يادىمغا يېتىپ قالدى.
ئويلىدىم ئۇ قىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ھازىرقى ھالى قانداقتۇر.
بەرگەن ئۇ پۇل يەتكەنمىدۇ نەدىن ئامال قىلغاندۇ.
مەينەت يولدا يىغىپ پۇلنى، ئەگەر ئاپىسىنى داۋالاتسا.
ئاپىسى، تىرىك تۇرۇپ روھى ئازابتا ئۆلمەمدۇ.
VK-ABDLM
بولدى بولدى دەۋېرەمسەن بىر گەپنى.
ئوينىسا ئۆزىگە ئوينايدۇ نېمە كارىڭ