作词 : Teshwish
作曲 : Dr.Dre
بۇ سۆزلىرىمنى ھەدىيە قىلمەن ناتۇنۇش يېقىنلارغا،
بۆلۈنۈپ كەتتۇق ئارزۇ ئۈچۈن ھەرخىل تارماق ئېقىنلارغا،
ئالىي مەكتەپ يېڭى تۇرمۇش، ئالماشتى ھەممىسى يېڭى بىلەن،
توغرا چۈشىنەي دەپ چۈشۈنەلمىدىم ،دۇنيا قاراش ئېڭى بىلەن،
ھازىر مەن، سەن، ئۇ بولدى، بۇرۇنقىدەك بىز دېمەيمىز،
چەمبىرەكتە سېغىندۇق دەپ ، ھاجەت چۈشەمىسە ئىزدىمەيمىز.
دەرىس كۆپ بولغاچ ۋاقىت چىقمىدى .
سەۋەپلەر ناھايتى قاملاشقاندەك ،
سۆزلەپ كېتىدۇ تىرىشچان باللا ،
تولۇق كۇرۇسقا ئاملاشقاندەك .
ئالدىراش بەك ئالدىراش، يەنە دوكتۇر ئاشتى ئالىمىمىز.
ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بېلىق تۇتۋاتىدۇ مالىمىمىز.
بۇ رەپ بىلەن پەس ،بولاي مەيلى ،
سىلەر ئىزدەشنى تەس دېگەچكە .
ئۇزۇن بولدى مەنمۇ يوقاپ كەتتىم ،
ئۆزۈمگە بولدى بەس دېگەچكە.
ئۆتمۈش دەپلا چۈشۈنەمسەن ،بىز قالدۇرغان ئىزنى.
بىر تىزىق مارجاندەك ئۆتكەن 31 دىكى بىزنى.
سىزنى دەۋاتىمەن ساۋاقدىشىم ،دېرىكتۇر بولۇپ ئۈندىدار.
بىلمىدىم ماڭا ئالدىراش دەيسىز ،خەت ئۈزۈلمەيدۇ ،پۇلى بارغا ،
يارغا ئاشىق بولغان ،يەنە نەچچىمىز با .
مەنپەت بولمىسا ھېچقانداق مۇناسىۋەت كەلمەيدىكەن كارغا،
ئۇلاپلا دەۋەتتىم ،چۈشەندىڭ نەچچە ئېغىزنى،
مۇئەللىم دېگەندەك ،شاكىلنى ئايرىپ ،قۇبۇل قىلىغىن مېڭىزنى.
بەلكىم تۆۋەندە دەيدىنىم ئەسلىمەڭلاردىن غايىپ بولغان،
ئېسىڭلاردىمۇ، ئايدا بىر قېتىم سىنىپ بويىچە راھىپ بولغان .
ساھىپ بولغان مۇئەللىم،ئەسلەپ قالدىم ئۆيىنى،
ھەممەيلەن ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى، ئەنە شۇ دۇتتار كۈيىنى ،
مۇئەللىم سۆزى قۇرۇق گەپ ، بىلسەڭلا ئالتۇن كان دەيتىم.
31 بىر بۇ پەقەت سانلا ئەمەس ،مەكتەپتىكى ئەركىن خان دەيتىم .