作词 : Teshwish
作曲 : Teshwish
كۈندىلا ئوخشاش، ئەرزىمەسلا نەرسىلەرگە يېزۋاتىمەن بېغىشلىما .
چۈشەنمەيدۇ مەندىكى ئازاپنى ، يۈرەك بىلەن بېغىشتا با .
ۋاز كەچتىم دەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئارقىدىن قاراپ قالىدىم .
بەخىت مېنى ياراتمايدۇ ، ئەمما ئازاپقا ياراپ قالدىم .
تېكىس يېزىپ ھازىرغىچە، ھېچنىمىنى ئۆزگەرتىكىنىم يوق ،
يەنە چوڭ گەپ قىلىپ ھەق ئۈچۈن دەمدىم !
تېخى ئۆزۈم ياخشى بولالماي تۇرۇپ ،قىلۋاتقىنىمنى يەنىلا خەق ئۈچۈن دەمدىم !
قىلىپ بولاللمىغان ئىشلىرىم كۆپ ، ئويلايمەن پەقەتلا ياخشى قىلشىنى !
ئەمما ئويلاپ باقمىدىم ،يۈركۈمدىكىنىڭ ھەممىسىنى ناخشا قىلىشنى !
قالايمىقان سۆزلەۋاتىمەن ، بەلكىم بۇ كۈلۈش بەك تەس يۇمۇر دۇ.
تاماشىبىسىز ، يالغۇز كىشلىك نۇمۇر بۇ ! ئۆزۈم ئارتىس