作词 : Adila Sidik
作曲 : Adila Sidik
گۈزەللىك سىزدە
تاغلار گۈزەل ،ئورمان گۈزەل ، ئاي گۈزەل
گۈل گۈلىستان باغ گۈزەل جانانلار گۈزەل
تاغلار گۈزەل ،ئورمان گۈزەل ، ئاي گۈزەل
گۈل گۈلىستان باغ گۈزەل جانانلار گۈزەل
سۇمبۇل ساچلىرى يەلپۈنۈپ تۇرار گۈزەل
دەۋران گۈزەل بىز گۈزەل ، ئارمانلار گۈزەل
بىر سېھېر بار كۆزلىرىمىزدە ،گۈزەللىك بار چېھرىمىزدە
مۇھەببەت بار ،ساداقەت بار ،بۇ ھايات گۈزەل
گۈزەللىك دەپ ياڭرايدۇ ناخشام ،
سۆيگۈ تېمىپ ئاقار دەريا،
مېھېر بىلەن كۈلەر دۇنيا ، ئەل يۈرت ماكان گۈزەل.
گۈزەلىكتە مۇھەببەت بار سۆيگۈ بار ،
ئىشتىياق بار ، ئارزۇ بار ،گۈزەللىك سىزدە.
گۈزەللىكنى سۆيگەن ھەركىم دانادۇر
ھەر يولىدا راۋاندۇر ،بايدۇر زەردار دۇر .