作词 : Adila Sidik
作曲 : Adila Sidik
كۆز ياشلىرىم تېمىپ زۇمرەتنى تېشەر
سىرغىپ چۈشسە بارچە يۈرەكنى ئېزەر
ئازاپلىرىمغا كۈلەركەن خەيرىلىرىمسىز كىتەركەن
ھەي بېشەپقەت
ئۆتسىمۇ گەرچە مېنىڭدىن كۆپ سەۋەن
قىلغان كىممۇ سېنىڭدەك ماڭا ئەلەم
كۈيلىرىمگە تارالسۇن تەنلىرىمگە قامالسۇن
ئاھ مۇھەببەت ئاھۇلىرىم ئۆرتەندى بۇ تەن
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىم نەپەس
ئارام بەرمەستىن ھەجەپ
يىقىلسام قەدەملىرىڭگە
گۇناھتۇر سۆيگۈم مېنىڭ ئاقىۋەت
تىكەنسىز بىر گۈل دەپ بىلدىڭ سەن مېنى
تىكەنلىرىم كىرسە ئۆلتۈرەر سېنى
يوللىرىمغا زار بولۇپ
مۇھەببىتىمگە خار بۇلۇپ
قالىسەن ئەبەت
ئاھۇلىرىم ئۆرتەندى بۇتەن
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىم نەپەس
ئارام بەرمەستىن ھەجەپ
يىقىلسام قەدەملىرىڭگە
گۇناھتۇر سۆيگۈم مېنىڭ ئاقىۋەت
نادامەتكە قالدى بۈگۈن
ئامانەتكە قالدى بۈگۈن
مۇزىكا
ئاھۇلىرىم ئۆرتەندى بۇ تەن
ھەسرەتلىرىمدىن ئالدىم نەپەس
ئارام بەرمەستىن ھەجەپ
يىقىلدىم قەدەملىرىڭگە
گۇناھ بۇ سۆيگۈم مېنىڭ ئاقىۋەت
نادامەتكە قالدى بۈگۈن
ئامانەتكە قالدى بۈگۈن
نادامەتكە قالدى بۈگۈن
ئامانەتكە قالدى بۈگۈن