作词 : Omarjan Rozi Pinhan
作曲 : Shah Studio
编曲 : Ablimit-abdukiram
ئاشىق مەندەپ بۇلۇپ جانانىم.
كۆڭلۈمنىمۇ ئۇتقانلار تولا.
يۈرەك بىرىپ مەجنۇنى بولسام.
يات قۇلىنى تۇتقانلار تولا.
گۈللەر ئۈنسە باسقان ئىزىمدىن.
سۈيۈمدىمۇ ئاققانلار تولا.
ئۈنسز ياشلار ئاقسا كۆزۈمدىن.
تۆھمەتلەرگە قاتقانلار تولا.
گۈل ئورنىدا بەرسەم مېھرىمنى.
كەينىمدىن تاش ئاتقانلار تولا.
بىلىپ ھەتتا كۆڭۈل سىرىمنى.
نامەرىتكە ھەم ساتقانلار تولا.
باغلىرىممۇ بەرگەندە مىۋە.
مىھنەتسىزلا قاققانلار تولا.
باغرىمدىكى مىسكىن يۈرەكنى.
لەختە قىلىپ باققانلار تولا.