作词 : Omarjan
作曲 : Shah Studio
编曲 : Ablimit-abdukiram
كۈتەرمەن ئىشەن
يۈرەگىمدە سەنلا بار يارىم.
مەندىن يىراق بولغىنىڭ بىلەن.
ئۆزگەرمەيدۇ بىلگىن قارارىم.
پەقەت سنى كۈتەرمەن ئىشەن.
شاماللارغا ئەيلىسەم نىدا.
سەندىن ئەسلا كەلمىدى سادا.
ۋەسلىڭ ئۈچۈن بۇ جېنىم پىدا.
پەقەت سنى كۈتەرمەن ئىشەن.
سېغىنىشتىن نەملەندى كۆزمۇ.
بۇ ھالىمدىن ئېچىندى ئايمۇ.
سەنسىز ئاتماس بولدىغۇ تاڭمۇ.
پەقەت سنى كۈتەرمەن ئىشەن.
ۋىسال گۈلۈم تۈكۈلسە مەيلى.
قەددممۇ ھەم پۈكۈلسە مەيلى.
باغرىم يەنە سۈكۈلسە مەيلى.
پەقەت سنى كۈتەرمەن ئىشەن.