جانىم قارا كۆز
قومۇل 12 مۇقامى (ئاراتۈرۈك يۈرۈشى)
ئاۋاز ئۈنۈم:ئەلى ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ئەجەپ بولدۇم جانىم قارا كۆز ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن
كىشىنىڭ شەھرىگە بېرىپ غېرىپ بولغانغا يىغلايمەن
مۇزىكا
ئەجەپ ئوخشاپتۇ بۇ قوغۇن جانىم قارا كۆز چوڭ يولغا پەلەك تاشلاپ
سەن ئالامسەن بۇجاننى جانىم قارا كۆز ئوڭ يانىڭغا كۆز تاشلاپ
مۇزىكا
ئىگىز ئازغان باشىدا ئۆپكە يىگەن سارنى كۆرۈڭ
جاز جاز قىلىدۇ مىدىر جامال يارنى كۆرۈڭ
ئەي دوسىت مەن نالە قىلاي
گۈل زەپىرەڭ جان نالە قىلاي
تاڭ سەھەرلەردە تۇرۇپ جانىڭنى ئالاي
مۇزىكا
كەتتى يار كۆڭلى قارا كېلەمسەن يارىم دىمىدى
چىنىگە چاينى قۇيۇپ ئىچەمسەن يارىم دىمىدى
ئەي دوسىت مەن نالە قىلاي
گۈل زەپىرەڭ جان نالە قىلاي
تاڭ سەھەرلەردە تۇرۇپ جانىڭنى ئالاي