作曲 : Hoxur Kahar
编曲 : Qeyser Semet/Muratjan Muhter
توي بولدى
سولودا مۇراتجان مۇختەر
راۋاپ:روزىجان جۈمە
ئۈنۈملىگۈچى ئەلىجان ئاقسوپا
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
باغدا گۈللەر ئېچىلدى ھىدى ھەريان چېچىلدى
ۋىسال تېپىپ ئىككى ياش بىر بىرىگە چېتىلدى
توي توي توي بولدى خانىمىزگە گۈل تولدى
ئىككى ياشنىڭ بېشىغا بەخىت قۇشلىرى قوندى
مۇزىكا
يىگىتلەر ساما سالسۇن قىزلار خۇش كۈلۈپ باقسۇن
يالغۇزلارمۇ بۇ تويدىن ئويناپ جۈپتىنى تاپسۇن
توي توي توي بولدى خانىمىزگە گۈل تولدى
ئىككى ياشنىڭ بېشىغا بەخىت قۇشلىرى قوندى
مۇزىكا
جەم بولۇشتى مېھمانلار دوس يارەنلەر تۇققانلار
ئامان بولسۇن مىھرىنى گۈلگە ئوراپ تۇتقانلار
توي توي توي بولدى خانىمىزگە گۈل تولدى
ئىككى ياشنىڭ بېشىغا بەخىت قۇشلىرى قوندى
توي توي توي بولدى خانىمىزگە گۈل تولدى
ئىككى ياشنىڭ بېشىغا بەخىت قۇشلىرى قوندى