作曲 : Askar Muhtar
编曲 : Askar Muhtar
تاغ بولسىمۇ قەلبىڭگە قالقان
چېغىر يوللار پۈتكەي ئۆلمىسەم
دەردىڭ دىلنى قىلسىمۇ تالقان
سۆيەرىم يوق سېنى سۆيمىسەم
تاش ئىچىدىن چىقىمەن كۆكلەپ
پەقەت بىرلا ۋەسلىڭنى ئىزلەپ
قايناپ كېتەر يۈرەگىمدە خەپ
قەلبىم قۇرۇق سېنى سۆيمىسەم
قايناپ كېتەر يۈرەگىمدە خەپ
قەلبىم قۇرۇق سېنى سۆيمىسەم
♪♪♪ Music ♪♪♪
كۈلگەن يۈزلەر يىغلايدۇ تىنماي
يىغلار ئۈنسىز گۈلدەك ئېچىلماي
كەلگىن بۇنچە ۋەيرانە قىلماي
دەردىم بولۇق سېنى سۆيمىسەم
كېتەر چاغىم كېلەر يېقىنلاپ
جان دوستۇممۇ كېتەر بېقىنلاپ
غېرىپ قۇشتەك قالغايمەن يىغلاپ
قەلبىم سوغۇق سىنى سۆيمىسەم
غېرىپ قۇشتەك قالغايمەن يىغلاپ
قەلبىم سوغۇق سىنى سۆيمىسەم
♬♬♬ Music ♬♬♬
سەندىن باشقا بولغايمۇ دۇنيا
سەنسىز دۇنيا سالغاي ئۇسۇلغا
مەيلى ئوخشات قارانچۇق قۇلغا
سۆيەرىم يوق سېنى سۆيمىسەم
كېتەر چاغىم كېلەر يېقىنلاپ
جان دوستۇممۇ كېتەر بېقىنلاپ
غېرىپ قۇشتەك قالغايمەن يىغلاپ
قەلبىم سوغۇق سىنى سۆيمىسەم
غېرىپ قۇشتەك قالغايمەن يىغلاپ
قەلبىم سوغۇق سىنى سۆيمىسەم
قەلبىم سوغۇق سىنى سۆيمىسەم