作词 : Abdurixit-Yusuf
作曲 : Abdurixit-Yusuf
چوكان يار
سۆزى ،مۇزىكىسى:خەلقنىڭ
سۆزى ،مۇزىكىسىنى رەتلىگۈچى:ئابدۇرىشىت يۈسۈپ
ناخشىدا:ئابدۇرىشىت يۈسۈپ
***
تاغدىن كەلگەن شامالدىن
مەن يارىمنى سورايمەن
يارىمنى كىلەرمۇ دەپ ۋاي..چوكان يار
يولغا چىقىپ قارايمەن
يارىمنى كىلەرمۇ دەپ ۋاي..چوكان يار
يولغا چىقىپ قارايمەن
***
مۇزىكا
***
يۈزۈڭدىن ئاي خىجالەتتە
لىۋىڭدىن غۇنچە ھەيرانە
ھۆسنۈڭگە قوياش مەپتۇن ۋاي...چوكان يار
مەن دەردىڭدە ۋەيرانە
ھۆسنۈڭگە قوياش مەپتۇن ۋاي...چوكان يار
مەن دەردىڭدە ۋەيرانە
***
مۇزىكا
***
ئىككايلاڭ(ئىشىك ئالدىڭ) ئۇزۇن كوچا
كارۋان ئۆتىدۇ يارىم
سېنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا ۋاي ...چوكان يار
يۈرەگىم كۆيىدۇ يارىم
سېنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا ۋاي ...چوكان يار
يۈرەگىم كۆيىدۇ يارىم
سېنىڭ ئىشقى پىراقىڭدا ۋاي ...چوكان يار
يۈرەگىم كۆيىدۇ يارىم
يۈرەگىم كۆيىدۇ يارىم
***