作词 : 民歌
作曲 : 民歌
ئەجەپ بولدۇم
تېكىستى، مۇزىكىسى: خەلقنىڭ
ناخشىدا: ئابدۇرىشىت يۈسۈپ
ئەجەپ بولدۇم ئەجەپ بولدۇم،
ئەجەپ بولغانغا يىغلايمەن…
ئاتام تۇرۇپ ئانام تۇرۇپ،
غېرىپ بولغانغا يىغلايمەن…
ئاتام تۇرۇپ ئانام تۇرۇپ،
يىتىم بولغانغا يىغلايمەن …
ئانام مېنى، ئاتام مېنى
جاپا ئەمگەك بىلەن باققان،
جاپا ئەمگەك بىلەن باققان…
ئەزىز باشىمنى ياد ئەيلەپ،
قازاۋەتكە چىراق ياققان…