作词 : Roh
作曲 : COSMIC BEATS
زەھەرمۇ پۇل ، ھەسەلمۇ پۇل ،
نەپرەت مۇھەببەتمۇ پۇل ،
يىغىمۇ پۇل ، كۈلكىمۇ پۇل ،
قىزىققانلىق سەۋىرمۇ پۇل ،
ئازاپمۇ پۇل ، خوشلۇقمۇ پۇل ،
ھەيرانلىق سۈكۈتمۇ پۇل،
جاسارەت قورقۇنۇشمۇ پۇل،
ھىسىياتمۇ پۇل ، ساداقەتمۇ پۇل ،
ئاسىيلىق، خۇمسىلىقمۇ پۇل ،
ئۆچەرمۇ پۇل ، يانارمۇ پۇل ،
يىگەنمۇ چىققانمۇ پۇل ،
ئىپپەت ھايامۇ پۇل ،
پاسكىنىلىق بۇزۇقمۇ پۇل ،
تاشلانغان ئەخلەتمۇ پۇل،
قىلىنغان ساخاۋەتمۇ پۇل ،
ھاياتمۇ پۇل ماماتمۇ پۇل ،
بۇرادەر دوستمۇ پۇل ،
قىرىنداش تۇققانمۇ پۇل ،
خوتۇنمۇ پۇل بالىمۇ پۇل ،
ئاناڭمۇ پۇل ، داداڭمۇ پۇل ،
كۈندۈز قاراڭغۇ پۇل ،
ماڭغانمۇ قوپقانمۇ پۇل ،
ياتقانمۇ ئۇچقانمۇ پۇل ،
تۇرالغۇ قونالغۇ پۇل ،
خىياللار ئارزۇمۇ پۇل ،
نىشانغا يەتمەكمۇ پۇل ،
نىشاندىن كەچمەكمۇ پۇل ،
ئۆزلىكىدىن تانماقمۇ پۇل ،
ھەۋەس ، شەھۋەتمۇ پۇل ،
مەينىتى ساپمۇ پۇل ،
ھەزلىكەش چاقچاقمۇ پۇل ،
ئەركەكلىك غورۇرمۇ پۇل ،
كەيىپمۇ پۇل ، مەسلىكمۇ پۇل ،
ئابرۇي ، پەسلىكمۇ پۇل ،
قىرانلىق مەرىتلىكمۇ پۇل ،
غەپلەتمۇ جاھالەتمۇ پۇل ،
پۇل ئاددىي قەغەز ئەمەس ،
بەلكى ھايات قامۇسى لوغىتى ،
چۈشەنسەڭ ئىنئام ئەمەس ،
ھەق ناھەق چىگرا سوۋغىتى .