作词 : A-Man(曼吾兰)
作曲 : A-Man(曼吾兰)
Verse-1
ئالدىم قەلەمنى يازدىم ، ئەمدى تۈگىمەس ئاكتىپ ئېنېرگىيە
بېرەي ، ئەمدى ئۇشبۇ ناخشىنىڭ راۋاجىدىن ئارىيە
تېكىست جەم ئېي ھەر خىل تەم ، بىزدە بارى سەرخىل پەم
سوئال قويما ماڭا ئەمدى كەمىنە ****قاپىيە
ماڭىمىز قالدۇرۇپ ئىز بىز، پۈكۈپ باقمىدۇق تىز بىز
مەيلى كەتسىمۇ نۇرغۇن بەدەل يېڭىپ چىقىمىز شەرتسىز
ئىزچىل ياقلاپ سىجىللىقنى ، ھاياتلىقتىكى ئىلمىيلىكنى
كۆكتە پەرۋاز قىلىمىز بىز تاغنى تالقان قىلىمىز
Verse-2
قار چېغىدا ئاپئاق ، ئەمما ئىنسان كۆڭلى قارا
بولدى ئەمدى شۇ سەۋەبتىن ئۇشبۇ كۆڭۈل يارا
ئىزدەپ ماڭدىم نازۇك كۆڭۈلنى بىلگۈم بار زادى قاياقتا
دېدى مويسىپىت ئاڭلىغان بالا ، دەريا يولنى بويلا
سەن قايتا قايتا ئويلا شۇ دەريا يولنى بويلا
سەن قايتا قايتا ئويلا دەيدۇ ، دەريا يولنى بويلا
قايتا قايتا ئويلا ، بۇ دەريا يولنى بويلا سەن
(ناتايىن) ئېزىقساڭ ھەرگىز بۇرۇلما ئارقىڭغا ئارقىغا بولمىسا ھەممىسى ناتاشا
Verse-3
پاكىز ۋاراق ئۈستىدە يورغىلايدۇ قەلەم
ھېسسىيات بەكلا زور ئېي توختىمايدۇ قەدەم
شۇڭا يازغىم يوق ئەلەم بۇ مېنىڭ ۋەدەم
سەندىكى مەندىكى مەندىكى سەندىكى رىقابەتتە مۇستەھكەم
ماغدۇرسىز شۇ تېكىستلەردە جەم بولغان ھېسسىيات
مۇزىكا كۆتۈرۈلسە تەن بەرمەيدۇ كەيپىيات
شۇڭا دەيمەن ، توختات، يىراق ئەمەس نۇقتا
ئەسىرىڭدە تەم بولسۇن ئېي كەم بولمىسۇن سەرپىيات
Verse-4
تۇرمۇش ئېگىز پەس قىلدۇ قەست يېڭىش تەس ئەمەس ، پەقەت ئىرادە بولسىلا
بىر جۈپ بىلەك ئاستا ئاستا غايەت زور كۈچ تولىسىلا
بولدىلا دەپ باقمىدىم ھەرگىز بۇ دۇنيادا مەن
ھايات سىناق قويسىما
ئېسىمدە يىقىلغىنىم، يۆلىگەن سەپداشلىرىم
ھاياتقا تەن بەرمىدىم، پۇرسەتنى قەدىرلىدىم
قىلغان شۇ ۋەدىلىرىم دائىم مېنىڭ ئېسىمدە
يېزىلدى بۇ ئەسىرىم يۇلتۇزلۇق شۇ كېچىدە