作词 : MUHAMMATJAN RAXIDIN
作曲 : Ekber Ehmet Ziba
编曲 : ئالىم ئابدۇللا
تېخى
ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە,
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى,
ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن,
زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى .
ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا ،
يامان بولساڭ ئاپەت قېشىڭدا,
ئىسسىق باسماي ئەتكەن ئېشىڭدا
كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى .
ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكۈچە ،
بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكۈچە,
ئىشىكىڭنى تەلەي چەككۈچە,
تالاي خىيال سۈرىسەن تېخى .
ھەركىم بەلكىم سېخى مەرت ئەمەس
لېكىن دۇنيا تامام دەرت ئەمەس,
كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرت ئەمەس ،
تالاي ئويلاپ كۈلىسەن تېخى .