作词 : 恶遭恶的
作曲 : 恶遭恶的
编曲 : 恶遭恶的
مۇتەپپەككۇرۇم گۇۋاھلىرىم
ئېلىپبە كىتاب مۇئەللىمىم
پاراسىتىمغىلا تايىنىپ يازغىنىم
ئىلھامىنى مۇشۇنداق قازغىنىم
سورىماڭلاچۇ مەندىن ھالىنى
ئۆزىنىڭلا توغرا ھامىنى
نىشانىم كۆكتىكى بۇلۇت
يىلتىزى ئۆلۈپ قۇرسىمۇ گاللىرىم مەن دىگەن مەن يامىنى ئەمەس
تەسلىم بول ھاۋايى ھەۋەس
مۇقەددەس ئىزلىرىم بىلەن بېسىپ ئۆتىمە توسسىمۇ پەلەك
ھەمنەپەس ھىس تۇيغۇ بىلەن
ئىرادىگە لىق تولغان بىلەك
مۇزىكا ئۇدارىم بىلەن
ئىشتىياخ ئوتىغا جۆر بولغان يۈرەك
ئەتراپىم قاراڭغۇ تۇمان
يەنە شۇ مەيىن شاماللىرىم بار
چۈشەنچە ۋەياكى گۇمان
ئويلىغان جاۋابىم تولا
ئەسىرىم تۈمەن، لەشكىرىڭ بىلەن يىقىتىۋىتىشكە ئۇرۇنما
ياشايمە ئۆزئەسلىم بىلەن،نەقىل مىساللىرىم قۇرۇلما
تەپەككۇرۇم ئۇيغۇرچىغا
ئوخشىمىغان ھىچقايسىغا
ئۆزلەشمىگەن تېكىست خەتلىرىڭ
ئوخشاپتۇ يۇلۇنغان مايسىغا
ئەتىۋارغا يۆلۈنگەن بىھاجەت
دۈم چۈشكىنى قىلىشىپ خىيانەت
دەردى بارنىڭ چەككىنى رىيازەت
يالغۇزلا بىر ئادەم قىلمىغاي زىياپەت