作词 : Abdurahman omar
作曲 : Abdurahman omar
编曲 : Abdurahman omar
تىكىستى :مەمەتئىلى زۇنۇن
مۇزىكىسى :ئەكرەم ئۆمەر
ئاكۇرتلاشتۇرغۇچى :ئىمام ئابلىمىت
ئەلنىڭ پەخرى ئىپتىخارى
ئاھ مەلىكە ئاماننىسا،
ئەجداتلارنىڭ بۇزرۇكۋارى
شاھ مەلىكە ئاماننىسا.
شاھ مەلىكە ئاماننىسا،
شاھ مەلىكە ئاماننىسا،
مۇزىكا
ئەجرى ئەيلەپ شامۇ سەھەر،
بولدۇڭ مۇقام پەرۋانىسى،
ئالتۇن قۇملۇق بارخانلاردىن،
سۈزدۈڭ نەغمە دۇردانىسى.
شاھ مەلىكە ئاماننىسا،
شاھ مەلىكە ئاماننىسا.
مۇزىكا
تاڭ ئەلچىسى چولپان كەبى،
ئۆچمەس مىراس ياراتتىڭ سەن،
مۇقام بىلەن نامىمىزنى،
كەڭ جاھانغا تاراتتىڭ سەن.
شاھ مەلىكە ئاماننىسا،
شاھ مەلىكە ئاماننىسا،
ئاھ مەلىكە ئاماننىسا،
شاھ مەلىكە ئاماننىسا.