作词 : MC-5
作曲 : TVRUSS
يەر ئاستى يولىدا دوستۇم يۆلەۋاتىدۇ,
سورۇندا يۈز بەرگەن ئىشلار كاللامدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ,
ئىككى سولتەك سىڭلىسىدەك قىزغا ھاراق زورلاۋاتىدۇ,
يۈرۈكۈم ئىيچىشىپ قولۇم قىچىشىپ ئۇلارغا ئۆزۈمنى ئاتتىم,
ئاداش سەن كۆپ ئىچىۋاپسەن ئۇ قىزغا بۇ كەچتە نىمە بار,
سەن ئۇ قىز تەرەپتە تۇرغان بىلەن ئۇ قىز كۆڭلىدە كىم بار,
ئويلاپ باقتىڭمۇ ھازىرقى جەمىئەت سەن ئويلىغاندەك ئەمەس,
ھىجايمىغىچە دىڭگايمايدۇ ئۇ قىز قوزغىلى ھەۋەس,
توغرا ئۇلار چوڭ قىزلار كىچىك ئاق-قارا پەرق ئىتەمدۇ,
ئۇيغۇر قىزى مۇشۇنداق كىچىك تۇرۇپ تۈگۈشۈپ كىتەمدۇ,
ئۇ قىز بۇرۇن قانداق چۇشەنمەيمەن كۆرمىگەن,
بىراق مەندىكى ئاكېلىق غورۇر بۇنىڭغا قاراپ تۇرامدۇ,
Yoo
بۇرادەر سەندىكى ۋىجدان ئەلۋەتتە مەندىمۇ بار,
سەن بۇنى دەپ ئۇ ئىشلارنىڭ نىمىنى ئۆزگەرتەلەيسەن,
دۆتلۈك قىلما ئۇ قىز بۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمەيدۇ,
ئاتا-ئانېسىنىڭكىنى ئاڭلىمىغان يەردە سېنىڭكىنى ئاڭلامدۇ,
مەن قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمنى قىلىۋاتىمەن ھەم قىلدىم,
ئارېمىزدىن چىققان خۇمسى گۇيلارنى كۆرگەندە يىڭەمنى تۈردۈم,
ئۇلار كەلگۈسى مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى,
ئۇلار چۈشكۈنلەشسە قىنى بىزنىڭ مىللەتنىڭ ئەتېسى,
ئزەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ,
ئجەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ,
ئدىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن,
ئجەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ,
ئاداش ھازىر ئاق تاماكا چېكىدىغانلار بەك كۆپىيىپ كېتىپتۇ,
مەھەللىمىزدىكى ئاشۇنى تونۇيسەنغۇ ئۇ چېكىپ ئۆلۈپ كىتىپتۇ,
ئاتا-ئانىسى ياخشى ئادەملەر ئېدى ھەتتا كۆيۈمچان ئايالىمۇ بار ئېدى,
بىچارە قىزنى يىتىم قىلىپ ئائىلىنى غەم-قايغۇغا ساپتۇ,
بولدى قىلە ئاداش بۇنداقلارغا ياخشىسى ئىچىڭنى ئاغرىتما,
ئۇلاردا غورۇر ياكى ۋىجدان دىگەندىن ئەسەر بارمۇ,
ئاتا-ئانىسىغا ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىز ئاقچى,
ئۇنداق ياشىغاندىن بالدۇراق ئۆلگىنى ياخشى,
ئادەمدەك گەپ قىلە بۇرادەر ئۇلارمۇ بەلكىم ئازغاندۇ,
بەلكىم ئاشۇ يامان ئادەملەرنىڭ كەينىگە كىرىپ چەككەندۇ,
ئادەمنىڭ دوستى بار ھەم ئەلۋەتتە دۈشمىنى,
بەلكىم ئاشۇ دۈشمەنلىرى ئۇنى قەستلەپ قويغاندۇ,
مىڭ قەستلىسىمۇ بىلمەمدىكەن ئاق تاماكىنىڭ زەھەرلىكىنى,
ئاق تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئەزرائىل بىلەن يىقىنلىقىنى,
ئۇلار ھاياتىنى قەدىرلىمىسە سېنىڭ نىمە ئىشىڭ,
سەن ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ ئەكسىچە يىرىلىدۇ بېشىڭ,
بەلكىم بېشىم يىرىلار بىراق كۆڭۈل بۆلمىسەك بولامدۇ,
ھەممىسىنى بىر تاياقتا تەڭ ھەيدىسەك بۇ سېنىڭچە قاملىشامدۇ,
ئۇلار ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولسا بىز ئىشەنچنى بېرەيلى,
ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىر قىتىم ئىكەنلىكىنى بىز ئۇلارغا بىلدۈرەيلى,
زەنجىر بىلەن دىئالوگMC-5 بىلەن دىئالوگ,
جەمىئەتتە كۆرگەنلىرىمىزنى رەپ بىلەن قىلدۇق دىئالوگ,
دىئالوگلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىتىرازلار توختاپ قالمىسۇن,
جەمئىيتىمىزگە كېرەكلىرى ئۆتكۈر پىچاقتەك دىئالوگ,
قىمار بىر كۈنى خان قىلسا ھامان بىر كۈنى خار قىلىدۇ,