作词 : Nawayi
作曲 : 十二木卡姆
编曲 : aMRulla-NuRmamaT
سىگاھ مۇقامى مۇقەددىمە
تەمبۇردا : ئابدۇراخمان مۆمۈن
ئاۋازغا ئالغۇچى : ئابدۇسەمى ئابدۇۋەلى
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرغە تاماششاھى چىمەن ھاجەت،
چۇنانچە بولمىغاي ئەھلى فەناغا ئەنجۈمەن ھاجەت.
گىرىفتارى قەددى رەنائى گۈلگۈن پۇش مەن ۋاھ ۋاھ.
كۆڭۈلدە قالمىغاي بەرگى گۈلى سەرۋى سۈمەن ھاجەت.
بەلا دەشتىدىكى ئاۋارىلەرنىڭ ھالىنى سورماڭ،
كى ئاندا نە گۇلۇ،نە بۇلبۇلۇ،نە كۆھكەن ھاجەت.
سەھەر ۋاختى سابا يەتكۈزدى زۇلفۇڭ تارىدىن بويى،
مۇئەتتەر ئولدى ئالەم بولمىدى مۇشكى خوتەن ھاجەت.
سوئال ئەيلەپ تۇرۇركى يىغلىماقتىن نى غەرەزئاخىر،
دەدىلەر مۇستافا دوستۇم ماڭا ۋەيسى قىرەن ھاجەت.
زىلەيخا گۈلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئقشىق خا كىستەر،
بۇ يەڭلىغ دېمىكىم ئول يۈسۈفى گۈل پىرىھەن ھاجەت.
بۇمۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلا،
شەھىدى ئىشقىغا تابۇت، نە گورۇ،نە كەفەن ھاجەت.
رەفىقا بىسەرۇپالانى سەن ئاغرىتماغىل زىنھار،
ھەبىپ ئىشكىگە بارغاندا نەسەن ھاجەت نەمەن ھاجەت.
نەۋائىي يارنىڭ ئاستانىسىنىڭ تۇفراغى بولدۇڭ،
ساڭا ئەندى نە سەھرايۇ،نەشەھرۇ،نە ۋەتەن ھاجەت.