پىيالىدىكى چاي رەڭگى
چىرايىمگە ئوخشايدۇ
يۈرەكىمگە قاراپ باق
ساڭا كۆيگەن ئوخشايدۇ
يۈرەكىمگە قاراپ باق
ساڭا كۆيگەن ئوخشايدۇ
مۇھەببەت يولىدا ئاشىق
بولۇپ يۈرەي سەرسانە
غىرىب كۆڭلۈمگە غەمخانە
بولارمۇ چاي ھەم پىيالە
غىرىب كۆڭلۈمگە غەمخانە
بولارمۇ چاي ھەم پىيالە
مۇھەببەت كوچاسىغا كىرسەم
ئازاب بىلەن ھېجران كۆپتۈر
يۈرىگىمنى بېرەي دېسەم
ۋاپاسى بار گۈزەل يوقتۇر
يۈرىگىمنى بېرەي دېسەم
ۋاپاسى بار گۈزەل يوقتۇر
گۈزەللەر كۆپ ئالەمدە
ۋاپا گۈلشەنى خانەمدە
سېنىڭسىز كۈنلىرىم ھەسىرەت
پۈتۈلگەنمۇ پىشانەمگە
سېنىڭسىز كۈنلىرىم ھەسىرەت
پۈتۈلگەنمۇ پىشانەمگە
پىيالىدىكى چاي رەڭگى
چىرايىمگە ئوخشايدۇ
يۈرەكىمگە قاراپ باق
ساڭا كۆيگەن ئوخشايدۇ
يۈرەكىمگە قاراپ باق
ساڭا كۆيگەن ئوخشايدۇ
مۇھەببەت يولىدا ئاشىق
بولۇپ يۈرەي سەرسانە
غىرىب كۆڭلۈمگە غەمخانە
بولارمۇ چاي ھەم پىيالە
غىرىب كۆڭلۈمگە غەمخانە
بولارمۇ چاي ھەم پىيالە
غىرىب كۆڭلۈمگە غەمخانە
بولارمۇ چاي ھەم پىيالە