بىرىنچى بۆلۈﻡ چوڭ نەغمە قىسمى
مۇقەﺩﺩىمە
قاشىڭ كۆرگەﭺ نىچۈﻙ ئايلانمايىنكىم قىبلە گاھىمدۇر
ئاياغىڭغا نىچۈﻙ باﺵ ئۇرمايىنكىم سەجدەگاھىمدۇر
لەبىڭ ئىستەﭖ نەﺩىن جاﻥ بەرمەيىن ئابىھايات ئاندىن
يۈﺯﯛڭ كۆرگەﭺ نىچۈﻙ كۆﺯ ئاچمايىن ئوﻝ بەﺩرﻯ ماھىمدۇر
چىقىپ ئۇچقۇنلار ئۇرغاﻥ،ئاھ بىلەﻥ باشىمغا چىرماشقاﻥ
گەﺩﺍلىق شاھلىقىغە باشىمە ﺯەرﺩىن كۇﻻھىمدۇر
يۈﺯﯛڭ ھەجرىغە سەبىر ئـەتمەﻱ ئوت بىلە ئـەنبەر چۈشكەندەﻙ
ئـەمەﺱ خالىڭ ياپۇشقاﻥ مەرﺩۇمى چەشمى سىياھىمدۇر
يۈﺯﯛڭنى غەيرىدىن ئاسرﺍﭖ كۈﻥ ئالدىن ئابىر تۇتقاندەﻙ
ساچىڭ ئـەرمەﺱ يۈﺯﯛڭ ئـەترﺍپى ئۆﺯرە ﺩۇﺩﻯ ئاﺩىمدۇر
رەقىبلەرﺩىن غەمىم يوﻕ بەرسە رﺍھەت غەمزەئى چەشمىڭ
ئانى بەرھەﻡ ئۇرﺍرغا كىرپەگىڭ خەيلى سىپاھىمدۇر
يۈتتۈرﺩﯛﻡ جانۇ-كۆڭلۈﻡ، بىگۇماﻥ سەندىن گۇماﻥ ئـەتتىم
سۈيۈنگەندەﻙ تاپىپ گەۋھەر،شەككەر خەندىڭ گۇۋﺍھىمدۇر
(گۇمناﻡ)
تەئـەﺯزە
بەيرﺍﻡ كۈنى مەجنۇﻥ كۆڭۈﻝ ھەﻡ شاﺩ ھەﻡ گىرياﻥ ئىرۇر
ھالىمغا ئوﻝ گىرياﻥ ئىرۇر ئاندىن ئوﻝ ئاﻱ خەندﺍﻥ ئىرۇر
مەﻥ خەستە،خەستەﻙ،تاڭ ئـەمەﺱ بولساﻡ يولىدﺍ پايىماﻥ
ئوﻝ گۈﻝ سەمەندىن سەكرەتىپ جەۋﻻﻥ ئۆﺯرە جەۋﻻﻥ ئىرۇر
بىشىغا سانچىپ تىترەگۈﭺ ،يۈﺯ ناﺯ ئىلە تارتىپ قېلىچ
بۇ شەكل ئىلە كۆرگەﻥ ﺯەماﻥ جانۇ-كۆڭۈﻝ لەرﺯﺍﻥ ئىرۇر
كىم رەشكىدىن قىلسا نە تاڭ ئاھىمنى ئوﻕ،قەﺩﺩىمنى يا
بىر يانىغا باغلاﭖ ساﺩﺍﻕ ،بىر يانىدﺍ قەرباﻥ ئىرۇر
ئـەنجۈﻡ ئـەمەستۇر ئوﻝ كىچە رەۋشەﻥ كۈرﯛنگەﻥ ،كىم پەلەﻙ
ئوﻝ شەھسىۋﺍرىمغا قارﺍﭖ يۈﺯ كۆﺯ بىلە ھەيرﺍﻥ ئىرۇر
ﺩەۋلەتكە مەغرۇر بولماغىل ئـەﻱ شاھ،گەﺩﺍغا رەھم قىل
ئاتىڭ ئاياغى ئاستىدﺍ جىسمىم ئۆيى ۋەيرﺍﻥ ئىرۇر
بىلگىل بۇ كۈننى مۇغتەنەﻡ،سەندەﻙ نەچە خەيلى ھەشەﻡ
بىر- بىرلەﭖ ئۆتتى ﺩەمبەﺩەﻡ بۇ ﺩەھر نە پاياﻥ ئىرۇر
ئـەيكىم خەياﻝ ئـەيلەﭖ شەفەﻕ خۇرشىد تابىدىن ﺩﯦمە
گەرﺩۇﻥ يۈﺯىگە ساچرىغاﻥ قۇربانلارﺩىن قاﻥ ئىرۇر
ﺯەبھىمنى ئىسمايىل كەبى قىلغىل قۇبۇﻝ رەھمە ئـەيلەباﻥ
جانىن پىدﺍ ئـەيلەﭖ بۈگۈﻥ مەھزۇﻥ ساڭا قۇرباﻥ ئىرۇر
(مەھزۇﻥ)
نۇسخا
ئـەﻱ « ﺍ» (ئـەلف )قەﺩ ئاﻱ يۈﺯلۈﻙ مىھرىبانىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ئۇشبۇ كۆڭلۈمنىڭكى ئارﺍمۇ جانىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ﺏ»(بە) بەﻻ باشىمغا كەلتۈرگەﻥ پىرﺍقى ھەجرىدىن»
پارە قىلغاﻥ باغرىمە ناﺯۇﻙ نىھانىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ت»(تە) تۇلۇﻥ ئايدەﻙ يۈﺯﯛڭگە بەندەمەﻥ شاھى جەھاﻥ»
تاقىتىم يوﻕ تەلمۈرﯛﭖ ئارﺯۇﻡ قانارىم سەنمۇ-سەﻥ
سە» سىباﻥ سارىغائـەمرۇ پەرماﻥ تۇتتۇرۇﭖ»
سەلتەنەت تەختى ئۆﺯرە شاھى جەھانىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ﺯﺍﻝ» ﺯەبۇﻥ ئـەيلەﭖ مېنى ھەجىر پىرﺍقى ۋﺍيكىم»
ﺯﺍيىل ئـەتكەﻥ ئـەقلىمە شىرىن ﺯەبانىم سەنمۇ-سەﻥ؟
رە» رىزﺍﺩۇرمەﻥ باشىمغا نەچچە كەلسە جەبرۇ ﺯۇلۇﻡ»
سورغۇچى ئـەرﺯۇ ﺩىلىمنى رﺍﺯىدﺍرىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ﺯە» ﺯۇلپۇڭ ﺩﺍمىغا چۈشتى كۆڭلۈﻡ چىرمىشىپ»
ﺯۇلپىگە كۆڭلۈمنى قىلغاﻥ پايىمالىم سەنمۇ-سەﻥ؟
سىن» سائاﺩﻩتتۇر سېنىڭ يۇلۇڭدﺍ قىلساﻡ جاﻥ پىدﺍ»
سەﻥ سىلكىباﻥ سۇﺩرەت ئىتىپ كۆڭلۇﻡ تىنارىم سەنمۇ-سەﻥ
شىن» شەھنى شاھى شەھلەر بارچىسىنىڭكى شاھى سەﻥ»
شاھى خۇباﻥ،ماھى تاباﻥ،شەھرىبارىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ساﺩ» سەرﻯ ئـەتمەكتىن ئۆﺯگە ئىشىق ئىلىگە چارە يوﻕ»
سەبرىسىز مەﻥ بىقارﺍر سەبرﻯ قارﺍرىم سەنمۇ-سەﻥ؟
نۇﻥ» نىياﺯىمدۇر مېنىڭ جانىمدىن ئۆﺯگە يوﻕ نىياﺯ»
شەمئى سەﻥ پەرۋﺍنەﺩۇرمەﻥ جاﻥ نىسارىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ۋﺍھ ۋﺍيىكىم قۇتۇلماﺱ ھەجىر ئوتىدىن ئۆلمەيىن
ۋﺍيكىم ئارﺍمۇ جاﻥ يا جاﻥ ئۇﺯﺍرىم سەنمۇ-سەﻥ؟
نۇﻥ» نىياﺯىمدۇر مېنىڭ جانىمدىن ئۆﺯگە يوﻕ نىياﺯ»
شەمئى سەﻥ پەرۋﺍنەﺩۇرمەﻥ جاﻥ نىسارىم سەنمۇ-سەﻥ؟
ۋﺍھ ۋﺍيىكىم قۇتۇلماﺱ ھەجىر ئوتىدىن ئۆلمەيىن
ۋﺍيكىم ئارﺍمۇ جاﻥ يا جاﻥ ئۇﺯﺍرىم سەنمۇ-سەﻥ؟
(سالىھى)
ئابىچەشمە
سېنى ئوششاﻕ كۆڭلىن غارەت ئـەتكەﭺ ﺩىلرەبا ﺩەرلەر
مېنى سەﻥ شوﺥ ﺩﺍمىغا ئـەسرۇ مۇپتاﻻ ﺩەرلەر
سېنى قەسرﻯ جامالى ھۆسىن ئۆﺯرە شاھى مەھرۇياﻥ
مېنى رەسۋﺍيى ئىشقىنىڭ كوچاسىدﺍ بىر گەﺩﺍ ﺩەرلەر
ئـەگەر ئۆمرﻯ جىگەر پەرگالەسىدىن مەﻥ غىزﺍ بەرسەﻡ
قاچاﻥ نا مىھرىباﻥ ئىتلارىنى ئۆﺯىگە ئاشىنا ﺩەرلەر
بۇكۈﻥ ھەر ﺯەررە رۇھى ئىشقىڭ ئوتىدﺍ شەھىد ئولسا
قىيامەت كۈنى بىر گۈلچېھرەئى گۈلگۈﻥ قەبا ﺩەرلەر
كۈرﯛﭖ مەشھۇرىنى بۇ نەۋئى سەرگەرﺩﺍنۇ سەرگەشتە
غەﻡ ئاباﺩﻯ جەھاﻥ ئىچرە غەرىبۇ بىنەۋﺍ ﺩەرلەر
(مەشھۇرﻯ)
جۇلا
ھەرقاچاﻥ لەئىلىڭ تەبەسسۇﻡ قىلسا،شەكەر ساچىلۇر
چۈﻥ تەكەللۇمدىن ﺩەﻡ ئۇرسا ﺩۇررﻯ گەۋھەر ساچىلۇر
غالىبا سەﻥ سۇنبۇلۇڭنى تارىدىڭ ئـەﻱ جاﻥ بۈگۈﻥ
كىم نەسىمى سۈبھىدەمدىن ئـەنبەرﻯ تەر ساچىلۇر
ئاﻱ يۇﯛﺯﯛڭنىڭ ھەسرەتىدە ھەر كېچە تاڭغا تىگىن
كۆﺯلەرىمنىڭ ياشىدىن يەر ئۆﺯرە ئـەختەر ساچىلۇر
غايەتى ئـەئلا مەرﺍتىبدىندۇرۇركىم ھەر سەھەر
مەقدىمىڭدە گۈنبەﺩﻯ ئـەفلاكدىن ﺯەر ساچىلۇر
بۇ گەﺩﺍ ھەسرەت بىلە كۆﺯ مەئدەنىن ﺩەﻡ-بەﺩەﻡ
لەئىلىڭ ئۈچۈﻥ ھەر قاياﻥ ياقۇتى ئـەئمەر ساچىلۇر
(گەﺩﺍئى)
سەنەﻡ
يارسىز ئۆمرﯛﻡ مېنىڭ،مىڭ ياشىساﻡ بىر كۈنچە يوﻕ
ئىشق ئوتىنىڭ ئالدىدﺍ ﺩەۋﺯەﺥ ئوتى ئۇچقۇنچە يوﻕ
(ئىشق ئوتى ياماندﺍﺩەﻱ چىرﺍيىم ساماﻥ ﺩﺍﺩەﻱ،مەندە تاقەت قىلچە يوﻕ)
(ۋﺍﻱ ئاقمۇ ئايدىڭ كېچىلەر، ئاپپاقمۇ ئايدىڭ كېچىلەر)
گۈﻝ بىلەﻥ رەيھاﻥ پۇرﺍيدۇ، يارﻯ يۈرگەﻥ كوچىلار
(ئايدىڭ كېچىلەر ﺩﺍﺩەﻱ،قارﺍڭغۇ كېچىلەر ﺩﺍﺩەﻱ،خۇشپۇرﺍقلىق كوچىلار)
(ۋﺍﻱ يارﻯ يۈرگەﻥ كوچىنى سۈپۈرەﻱ ساچىم بىلەﻥ)
ئوڭ قۇلۇمغا جاﻡ ئىلىپ سۇﻻر سېپەﻱ ياشىم بىلەﻥ
(ھەسرەت چىكىمەﻥ ﺩﺍﺩەﻱ،يېغلاﭖ ئۆتىمەﻥ ﺩﺍﺩەﻱ،ۋﺍﻱ سۇ سېپىپ ياشىم بىلەﻥ)
(خەلق قوشاقلىرﻯ)
چوڭ سەلىقە
سىنايمىكىن ،سىلايمىكىن،بۇيى تالىمنى
بويى تالىم بىلەمدىكىن مېنىڭ ھالىمنى
بىلسە بىلسۇﻥ ۋﺍپاﺩﺍرىم مىنىڭ ھالىمنى
بىر ئۆﺯىگە ئـەرﺯ ئىتەرمەﻥ ئاھۇ-ﺯﺍرىمنى
شۇندىن شولغا كەلمىشىم سەﻥ يار ئۈچۈندۇر
جەبرۇ-جەپا چەكمىشىم ﺩىدﺍر ئۈچۈندۇر
گۈلىستاندﺍ پەرياﺩ ئۇرۇﭖ سايرﺍيدۇ بۇلبۇﻝ
شۇ بۇلبۇلنىڭ سايرﺍماقى گۈلزﺍر ئۈچۈندۇر
(خەلق قوشاقلىرﻯ)
كىچىك سەلىقە
كېزەرمەﻥ ۋەسلىڭ ئىزﺩەﭖ يىللار ئولمىش تەر بەﺩەر ھەرياﻥ
جۇنۇﻥ سەھرﺍسىدىن مەجنۇﻥ مەسەللىك بىخەبەر ھەرياﻥ
يۈﺯﯛڭنى ياﺩ ئىتىپ پۇرقەﺩ تۈنىدە ئوتلۇﻍ ئاھىمدىن
ئـەمەﺱ ئـەنجۈﻡ پەلەﻙ تاقىدﺍ بەند ئولمىش شەرەر ھەرياﻥ
يۈگۈرماقدىن تالىقدىمكى نەچە سىمابتەﻙ سەير ئاﺏ
نەﺩىنكىم جىلۋە ئـەيلەﭖ ئات ئۆﺯرە ئوﻝ سىيىمبەر ھەرياﻥ
سېرىغ چىھرەﻡ بىلە قانلىغ ياشىمغا كۈلمە ئـەﻱ ﺯﺍھىد
نىگارىم باشىدىن ھەرﺩەﻡ ساچارمەﻥ لەئلۇ ﺯەر ھەرياﻥ
لەبىڭ سەرچەشمەسىدىن غاپىل ئـەرﺩﻯ تەشنەلەﺏ كۆڭلۈﻡ
نىشاﻥ بەلگۈرﺩﻯ خەتتىڭدىنكى فەۋتى نىلۇپەر ھەرياﻥ
شەپەﻕ ئىرمەﺱ پەلەﻙ ئۆﺯرە قۇياشىم پەرﺩەگە كىرگەﭺ
چىكەر ئاھىم يەلى كۆﺯ يولىدىن خۇنى جىگەر ھەرياﻥ
نەكۈﻥ ئوﻝ ئـەرﺩىكىم قاشىڭدﺍ چىن كۆرﺩﯛﻡ ،بۇ نەكۈندۇر
تەبەسسۇﻡ مەۋجى ئـەرﺩﻯ لەبلەرىڭدە سەر بەسەر ھەرياﻥ
مىژەكىڭ ناۋەكىن كۆﺯ ئاتتى لەئلىڭ كەلتۈرﯛﭖ بىسمىل
ماڭا مىيلى مەﺯﺍر ئورنىدﺍ بىتكەﻥ نەيشەكەر ھەرياﻥ
يۈرەكنى چاﻙ ئىتىپ سانسىز تىكەﻥ باغرىمغا سانچىلغاﻥ
مىنىڭ ھالىمغا باقماﻱ كۆﺯلەرىڭ قىلغاﭺ نەﺯەر ھەرياﻥ
جەمالىڭ تالىئىكىم تابماﺩﻯ ھەرگىز خەبەر ئاندىن
خىياﻝ ئـەلچىسىن گەرچە ئىبەرﺩىم كۆﭖ خەبەر ھەرياﻥ
فۇتۇھى قۇلغە ئـەﻱ شاھ گاھى -گاھى ئىلتىپات ئـەتكىل
ساچىپ تۇتى كەبى كۆڭلۈمگە لەفزىدىن شەكەر ھەرياﻥ
(فۇتۇھى)
تەئكىد
ئاپتابتەﻙ ئاﻱ يۈﺯﯛڭگە كۆپتۇر ئارمانىم مېنىڭ
ھەر ﺯەماﻥ ياﺩىمغا كىرسەڭ ئۆرتەنۇر جانىم مېنىڭ
بىر نىگاھى قىلدىڭۇكۆڭلۈمدىن ئالدىڭ سەبرﻯ ھۇﺵ
ئـەمدﻯ ھەجرىڭدە كۆيەرمەﻥ قالمىدﻯ جانىم مېنىڭ
مەﻥ سېنىڭ ياﺩىڭدﺍ ھەرﺩەﻡ يېغلىدىم شامۇ-سەھەر
ئـەرشكە يەتتى مەگەر پەرياﺩۇ ئـەفغانىم مېنىڭ
كۆرمەسەﻡ جانىم كۆيەﺩۇ بارغالى يوﻝ تاقەتىم
يەتكىلى ﺩىدﺍرىڭ ھېچ يوقتۇر بۇ ئىمكانىم مېنىڭ
(رىزﺍئى)
ئىككىنچى بۆلۈﻡ ؛ﺩﺍستاﻥ قىسمى
بىرىنچى داستان
باھار بولدﻯ،گۈﻝ ئاچىلدﻯ،مېنىڭ گۈلۈﻡ ئاچىلماسمۇ؟
بۇلبۇﻝ قانى كۆﭖ ساچىلدﻯ، مېنىڭ قانىم ساچىلماسمۇ؟
ئـەمدﻯ مەندىن ﺩەۋلەت كەتتى،رەقىبلەرگە نۆبەت يەتتى
خەبەرىم يوﻕ گۈﻝ ئاچىلدﻯ، مېنىڭ گۈلۈﻡ ئاچىلماسمۇ؟
يارىم يۈرگەﻥ باغلار قالدﻯ ،باﻍ ئىچىندە ﺯﺍغلار قالدﻯ
يۈرەگىمدە ﺩﺍغلار قالدﻯ، يەنە شارﺍﭖ ئىچىلمەسمۇ؟
سەنەﻡ ﺩەرلەر ئۆمرﯛﻡ سەيقەلى ،كەلدﻯ مۇھەببەت بۇلبۇلى
ئاچىلدﻯ باغلارنىڭ گۈلى، مېنىڭ گۈلۈﻡ ئاچىلماسمۇ؟
(غېرىپ-سەنەﻡ ﺩﺍستانىدىن)
ئىككىنچى داستان
مۇندىن كېتەر بولدۇڭ سەﻥ،ﺯﺍلىم ئاغاﻻر
ھەرنە كۆرگەنىڭنى باياﻥ ﺩىگەيسەﻥ
يالغۇﺯ ھەمرﺍھ قالدﻯ چاھنىڭ ئىچىدﻩ
ئۆلگەنى يوﻕ ئىسەﻥ-ئاماﻥ ﺩىگەيسەﻥ
نى ياماﻥ سەۋﺩﺍغا قالىپتۇر باشىم
يىگەنىم، ئىچكەنىم ﺯەھەرﺩۇر ئاشىم
كۆﺯﯛمنى ئويدىلەر ئۆﺯ قېرىندﺍشىم
ئۈلپەتدﺍشى يىلاﻥ،چاياﻥ ﺩىگەيسەﻥ
بىزلەر ئۈچۈﻥ ھىممەت كەمەر باغلىغاﻥ
پىرﺍقىمدﺍ سەنەلەرىن ﺩﺍغلىغاﻥ
كەلمىدﻯ ﺩەﭖ يولۇمغا قارﺍﭖ ﺯﺍرلىغاﻥ
شاھى خىسرﺍۋ ئاتامغا ساﻻﻡ ﺩىگەيسەﻥ
توققۇﺯ ئاﻱ، توققۇﺯ كۈﻥ قوساﻕ كۆتەرگەﻥ
پەرۋىش قىلىپ كامالىمغا يەتكۈﺯگەﻥ
كېچەلەرﻯ ئۇخلىماﻱ ئاﻕ سۈت ئـەمگۈﺯگەﻥ
مىھرىبانىم ئانامغا ساﻻﻡ ﺩىگەيسەﻥ
يۈرەكىمدىن كەتمەﺱ ھەرگىز پىرﺍقى
مۇرﺍﺩىغا يەتمەيىن ئۆچتى چىرﺍغى
ئـەمدﻯ ھەمرﺍﻻرﺩىن كەتمەﺱ سورﺍغى
گۈلجەمىلە سىڭلىمغا ساﻻﻡ ﺩىگەيسەﻥ
ئۆتتى يائقۇﺏ ئوغلى ﺩەغدﺍ يۈرەگى
كۆﺯﯛﻡ ئويۇلغاﻥ بىلەﻥ يوقتۇر كېرەگى
ئاخىرﺩەمدە ھەمرﺍ جاننىڭ تىلەگى
ھەقتىن سورﺍر گەۋھەرﻯ ئىماﻥ ﺩىگەيسەﻥ
(ھۆرىلقا-ھەمرﺍجاﻥ)
ئۈچىنچى داستان
قابا پەلەكنىڭ ﺩەرﺩىدىن يۈرەگىمدە ﺩﺍغلار قالدﻯ
بۇلبۇﻝ كەتتى گۈلزﺍرىمدىن چىمەنزﺍرلىق باغلار قالدﻯ
مۇندﺍ قالدﻯ ۋەتەﻥ-جايىم ،خاﺯﺍﻥ بولدﻯ چاھار باغىم
يارىم بىلەﻥ ئۆتكەﻥ چاغىم ،قەﺩىم گۈﺯەﻝ جايلار قالدﻯ
ئاساﻥ قىلغىل مۇشكۈلۈمنى،يېقىن قىلغىل مەنزىلىمنى
ئۇچۇرﺩۇﻡ مەﻥ بۇلبۇلۇمنى باغىم ئىچرە ﺯﺍغلار قالدﻯ
باغۋەﻥ ئانا مىھرىبانىم، مەندىن ئۆتتى بۇ ﺩەۋرﺍنىم
يۈرەگىمدە كۆﭖ ئارمانىم، خوشمۇ ئىسىل چاغلار قالدﻯ
(شاھزﺍﺩﻩ نىزﺍمىدىن-مەلىكە رەئنا)
ئۈچىنچى بۆلۈﻡ؛ مەشرەﭖ قىسمى
بىرىنچى مەشرەپ
ناگاھ كۆرﯛباﻥ مەھۋە جامالىڭ بۇلۇﭖ قالدىم
ئايدەﻙ يۈﺯىگە باقتىم،ھەيرﺍﻥ بۇلۇﭖ قالدىم
ئوتتەﻙ تۇتۇشۇﭖ كۆيدﻯ يۈرەگىم بىلە جانىم
پەرۋﺍنە بۇلۇﭖ ئوتقا ئۆﺯۈمنى ئۇرۇﭖ قالدىم
كۆرﺩﯛمكى ئـەجەﭖ ئىشۋەگەرۇ ﺩىلبەرﻯ تەنناﺯ
ﺩىۋﺍنە بۇلۇﭖ ئىشقىدﺍ ئوتتەﻙ يېنىپ قالدىم
ﺩىلبەر جامالىنى كۆرﯛﭖ ئىشقى يولىدﺍ
گۈلگۈﻥ يانىباﻥ ماھۋە تاماشا بۇلۇﭖ قالدىم
ھاجەت ئـەمەﺱ ئوﻝ كەئبەئى جانانغا بارماﻕ
مەﻥ گەۋھەرﻯ مەقسۇﺩ بۇﻻيىن ﺩەﭖ يەنا قالدىم
مەشرەﭖ باشىگە سالما ئوشۇﻝ كۈﻥ غەمى ﺩىلدﺍر
شەيدﺍيى بۇلۇﭖ جۈملەئى ھەۋەسدىن قېلىپ قالدىم
(مەشرەپنىڭ)
(2)
قۇمۇﺵ ئاتىغا مىنىپ ،چۇ ﺩىسە يۈرەلمەيدۇ
ئـەﺯەلى ياماﻥ ناكەﺱ (ئاللىيەﻱ)پىرىنى تۇنۇمايدۇ
ئـەﻝ قاھ-قاھلاﭖ كۈلۈشۈﭖ ئوتنى ياندۇرﺍلمايدۇ
ئـەﺯەلدە كۆيگەﻥ ئاشىقمەﻥ ،ئـەمدﻯ كۆيدﯛرەلمەيدۇ
نىدﺍيى كەلدﻯ ئاللاھدىن ئاشىقىمنى كۆيدﯛرمە
ئاشىق كۆيگەنى كۆيگەﻥ كۆﭖ خاﻻيىق بىلمەيدۇ
تامامۇ ئۇﺵ موللاﻻرﻯ،چىقتىلەر تاﻻلەرگە
ئۆتەڭ گۇناھىدىن مەشرەﭖ ئۆﺯگىلەر تۇنۇمايدۇ
(مەشرەپنىڭ)
(3)
ئوﻝ مەيىن لەئلى لەبىڭكىم ئابى ھەيۋﺍندىن لەﺯىز
ئابى ھەيۋﺍننى ﺩەيىن ئوﻝ قەترەئى جاندىن لەﺯىز
چۈﻥ مەكەﺱ قەندۇ،شەككەرنى خۇﺵ كۈرﯛر ئالەﻡ ئىلى
ئـەھلى ئىسرﺍپىڭ ماڭاكىم شەككەرىستاندىن لەﺯىز
كۆڭلۈﻡ ئالغاﻥ بىر نىگاھى جانغا لەﺯﺯەت بەرﺩىكىم
ئۆﺯگە ئـەﺯﺯﻯ بولماغاﻱ كۆڭلۈﻡ ئالغاندىن لەﺯىز
باﺩە ﺩەرﺩىمگە ﺩەۋﺍﺩۇر يوﻕ ماڭا ئۆﺯگە ﺩەۋﺍ
يوﻕ تەبىب ئىلكىدە مۇندﺍﻕ ھەممە ﺩەرماندىن لەﺯىز
(4)
غېرىپ ﺩەرلەر بۇئالەمدە، مېنىڭدەﻙ بىنەۋﺍ يېغلار
بېشى بەختى قارﺍنىڭكى ھالىگە بەختى قارﺍ يېغلار
مېنىڭ ئاھۇ پىغانىمگە ئوشۇﻝ پەيزۇلسەما يېغلار
قىيامەت ئۆرتۈنۈﭖ ھەرتۈﻥ شاھ بىلەﻥ ھەﻡ بىر گەﺩﺍ يېغلار
بۇ ﺩۇنيا غۇربەتىدىن مەﻥ خالى بولماﺩىم بىر كۈﻥ
بايابانلارﺩﺍ ئاھ ئۇرساﻡ ھۈسەينۇ كەربەﻻ يېغلار
ياقامنى چاﻙ ئىتىپ گۆرﺩىن كۆتەرسەﻡ خەستە باشىمنى
كۆيەرمۇ مەﻥ بىلەﻥ بارچە ھەمە ئاشىق بىقەرﺍر يېغلار
(مەشرەپنىڭ)