作词 : 新疆YUZLINISH说唱
作曲 : 新疆YUZLINISH说唱
كېچە ئۇزۇن كېچە يۈرەكلىرىم مۇزلايدۇ
قارا باسقان تىمتاس كېچە
چىرمايدۇ ھېسابسىز خىياللار
ئۇزاق بولدى يوق ، سېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە ئاۋازىڭ
قارچۇقۇمدا قاتقان ئاق لىباستىكى سىمايىڭ
چۈشۈمگە ئەسىر قىلغان تاتلىقنە شۇ نازىڭ
ئالمىدى يا ، بۇ جاننى بولدۇم تىرىك موردا مەن ھازىر
يىراقتا قالدى ، سېنىڭ جىسمىڭ پۇرىمايدۇ ھەم شۇ ھىدىڭ
يۈرەكتە قالدى ئەسلىمەمسەن ۋىدالاشتىڭ كىرىپ كەتتىڭ
تۇپراق قوينىغا ئالدى سىنى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا قىلىدى غەرىق
جىسمىم روھىمدىن ئايرىلسا دەيمەن بولۇپ ، مەڭگۈگە قەبرە تېشىڭ
ئەسلەشتىن بۇرۇن ئېغىر بىر نەپەس ئېلىندى ، ئاچچىق كۆز بىلەن
دېگەنتىڭ ھەر زامان ئەس يادىمدا ئۆتىدۇ ئۆمرۈم سەن بىلەن
كەتكەندە قالدىم ئۆزۈم يالغۇز ئېلىپ كەتتىڭ مۇشتەك يۈرەكنى
باھارنى ئېلىپ كەتتىڭ گۈلۈم ئاتا قىلدىڭ ماڭا زىمىستاننى
قىشمۇ ، يازمۇ باھارمۇ ياكى تۆت پەسىل ئايرىلمىدى خانەمدە
قولۇمدا ئالبۇم ، كۆز يېشىم چۈشكەن قاتلانغان جانسىز سۈرىتىڭگە
قىلدىم مەن نىدا سەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئېلىپ كەتسىكەن ، بۇ جېنىمنى
ۋاقىت كەينىگە يانغان بولسا نېسىپ قىلسىكەن شۇ ئەجەلنى