作词 : 无
作曲 : 无
tëkist Tëhrir:DjaGirKeliQ
قېيىناتامنىڭ ھويلىسىدا قارۋاش پاقلان مەرەيدۇ
ئـــــا قارۋاش پاقلان مەرەيدۇ
قېيىن ئائام ئامدان خوتۇن پاقلان گۆشىنى يەڭ دەيدۇ
ئـــــا پاقلان گۆشىنى يەڭ دەيدۇ
تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ نىگارىم ئوينىغان باغدا
يايرىم ئوينىغان باغدا
يۈرەكتە ئوتلا كۆيىدۇ سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا
ئـــــا سېنى ياد ئەيلىگەن چاغدا
چەچەننىڭ بازارىدىن سىزگە ئانا ئەپ بېرەي
ئـــــا سىزگە ئانا ئەپ بېرەي
ئىچىمدىكى دەدىمنى يولدا ماڭغان دەپ بىرەي
ئـــــا يولدا ماڭغان دەپ بىرەي
ئاتۇشنىڭ يۇلى تاشلىق تىرىسا بۇلا ئاشلىق
ئـــــا تىرىسا بۇلا ئاشلىق
ئوينىۋەڭلا ياش باللا باكا كەتمىسۇن ياشلىق
ئـــــا باكا كەتمىسۇن ياشلىق
ۋاي سىنى دەيمۇ سىنى دەيمۇ
يا سىنى كۆمەي ئۆلەمەنمۇ
يا سېنى كۆمەي ئۆلۈپ كەتسەم
يا مۇرادىمغا يېتەمەنمۇ
يا قېشىم دەيمۇ كۆزۈم دەيمۇ
يا سىياقىڭ قىلدى ۋەيرانە
يا جاھاننى ئىزدىسەم يوقتۇ
يا سېنىڭدەك ياخشى مەردانە
ئۆگزەڭگە چىقىۋاپسەن
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك
ئېچىلغان قىزىل گۈلدەك
كېلىڭ يايرىم ئوينايلى
سۇغا سۇ قوشۇلغاندەك