作词 : Buster·巴斯特
作曲 : who??
Mix by:MOne(艾姆万)
بەلكىم سەنمۇ مەندەك ئەي يالغۇز قالامسەن كېچىدە
تېلېفونۇڭنى قولۇڭغا ئېلىپ قايتۇرامسەن كېچىدە
مەن ياخشى ئىشلىرىم ئوبدان جايىدا كېتىۋاتىدۇ
بېسىم ئۈستۈن ئۆتكەن ياشلىق يۈرەك يىغلاۋاتىدۇ
بولۇپتۇ تەسەللىي بېرىمەن ئۆزۈمگە قايتا قايتا قايتا ئەي
يېقىنىم دېگەن تاشلاپ كەتكىنىدە يېنىمدىن يىراققا ئەي
كۆزۈمدىن ئاقمىدى تامچە ياش كۆنۈپ قالدىم بۇنىڭغا ھەي
ياشلىق دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ كۈلۈپ كەتتىم بۇنىڭغا ھەي
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا ياش بالىنىڭ ئاغزىدا
ھايات دېگەن مۇشۇنداق چوڭلار ئېيتقان ناخشىدا
تېگىگە يەتتۇق يېتەلمىدۇق ئايلىنىپ ئەتراپىدىن كېتەلمىدۇق
ياش تۇرۇپ بىز بىزگە مەنسۇپ كۈلكىلەرنى ئۇنۇتتۇق
كۈلكىلەر ئۇنۇتتۇق بەلكىم
كېچىلەر سان ساناقسىز يۇلتۇز ئاسمىنىدا
پەقەت سەنسىز تۇرمۇشۇمنىڭ رەڭگى يوق
يالغۇز ئۆينىڭ بولۇپ قالدى مەرى يوق
چىڭ ئورالىدىم ، لېكىن كەچتە ئۇيقۇ يوق
كېچىلەرى ئۇيقۇ يوق
مەيلى سەن نەدە بولسام مەيلى مەن
ئېيتىمەن پەقەت سۆيگەن يۈرىكىمدە سەن