作词 : Mamatjan abay
作曲 : Mamatjan abay
ۋەدە
♫مۇزىكا♫
سۆيگەن ئىدىڭ ئۆز مەيلىڭ بىلەن
تەنلىرىمنى مەھكەم قۇچاغلاپ
سىلىققىنا رەت قىلسام سىنى
قەسەم قىلغان ئىدىڭغۇ يىغلاپ
خۇشال ئىدى بىزنىڭ كۈنىمىز
لەززەت ئىدى ھەر بىر تۈنىمىز
شىرىن ئىدى قىلغان سۆزىمىز
تويماس ئىدى قاراپ كۆزىمىز
شىرىن ئىدى قىلغان سۆزىمىز
تويماس ئىدى قاراپ كۆزىمىز
♫مۇزىكا♫
ئىچكەن قەسەم تۆت كۈنلۈك مىدى
سۈيۈشلەرىڭ بىر تۈنلۈك مىدى
ئىچكەن قەسەم تۆت كۈنلۈك مىدى
سۈيۈشلەرىڭ بىر تۈنلۈك مىدى
شىرىن سۆزىڭ تۈگىگەن مىدى
كۆڭلۈڭگە قەست پۈكۈلگەن مىدى
شىرىن سۆزىڭ تۈگىگەن مىدى
كۆڭلۈڭگە قەسىت پۈكۈلگەن مىدى
ساق يۈرەككە ئوتلارنى سېلىپ
ئەي... سۇغا سالدىڭ ئوتلاردىن ئېلىپ
ساق يۈرەككە ئوتلارنى سېلىپ
ئەي... سۇغا سالدىڭ ئوتلاردىن ئېلىپ
سەن سۆيگۈمنى تارتىۋېلىپ
مەقسەتكە يەتتىڭ ھەي قەسەمخور يار
سەن سۆيگۈمنى تارتىۋېلىپ
مەقسەتكە يەتتىڭ ھەي قەسەمخور يار
سەن سۆيگۈمنى تارتىۋېلىپ
مەقسەتكە يەتتىڭ ھەي قەسەمخور يار
ھەي قەسەمخور يار
ھەي قەسەمخور يار