چېكىپ ئۆتتۈم دەرۋازاڭنى خېنىم قىز چاق,
ئاران تاپتىم پاڭزاڭنى خېنىم قىزچاق,
ئىككىمىز كۆرۈشكەندە خېنىم قىزچاق,
كۆرسەتمەمسەن ياڭزاڭنى خېنىم قىز چاق,
ئېرىقىڭغا سۇ كەلدى خېنىم قىزچاق !
ئازما ئازما شارقىراپ خېنىم قىزچاق !
كۆرۈشكىلى قويمايدۇ خېنىم قىزچاق !
ئەسكى داداڭ ۋارقىراپ خېنىم قىزچاق,
باغقا كىرسەم بېشىمغا خېنىم قىز چاق,
ئالما چۈشتى پوككىدەك خېنىم قىز چاق,
كەلگىن يارىم قېشىمغا خېنىم قىز چاق,
سۆيۈپ قوياي چوككىدە خېنىم قىزچاق。