作词 : Rejez
作曲 : Velet
باغۇبوستان گۈلدەك ھۆرپەرىدىن كۆڭۈل ھەم شاد،
شەرمى ھايالىرىدىن ئىگىلەر ئىدى تاغۇ شەمشاد.
پاكلىق ئۈزۈندىگە سادىق مەزلۇمغا بېغىش شات.(غەيرەت)
ئەيلىگەن ئىشرەت نومۇس، خەندانلىق ئەمەس دىلشاد.
تاكامۇل ھۆسن ئىچرە يوق زەررىچە ئار-نومۇس،
پىلوس دېرەكسىز ئەدەپ ئۆلچەم ئالدىدا بار مىنۇس،
رايىش كەمسىتىلگەن، ئىستىل بوزۇق ئەۋج كەڭ نوپۇس،
ھايا كەم دىدار جاھان مەئىشەت بېزىكتە تام-تورۇس.
ئاخىرقى دۇرۇس ئىستىل ئانام، ئاناڭ قەرەل ئۇشقۇن،
قالدى جاھان يېڭى پەرىلەر قىزىق قاندا جۇشقۇن،
ئالتۇن نەرخ ئېسىل سۆز قىلۇر ئاددىيلا «تۇچ»تۇم،
چالـما سىياق ئەخلاقتىن بىدار زۇۋانسىز تۈرەر مۇشتۇم.
ئاتاڭنىڭ جان ئەزىزى ئەزەلدىن سەن ئەي قەمەر، 、
باقاركى خۇدۈك تىت-تىت يولۇڭغا قولىدا بار پەنەر،
گەر ئەدەپىڭ بولسا پۇختا قەدەر،
بولـمىسا شوخلۇق شەمەر،
يېشىلـمەس بەتنىيەت مەلئۇننىڭ بىلىدىن كەمەر.
ئاناڭدىن چاي قويۇش ئۇدۇم،
يۈرەك پىيالە قىزىل سىرلىق،
ھوزۇرلۇق يۇتۇم،
نە ئېھتىياج ئىستاكاندا قىرلىق.
ئەدەپ رۇخسارلىرىدا بېزەك ، خىيالدا نە ئۆيۈم،
ناز-كەرەشمە ئىللىق ئەمما يالغان ھۆسىن بىكۆيۈم.
غورۇرغا باب كەلسە ئۇنىڭ يۈرۈشلىرىگە لايىق پەيتون،
نە تىڭىرقاش ئۇنىڭ غورۇر ھوزۇرىغا رىزا مەي تۇڭ.
ئەزەلدىن ناپاك ئارا يۈرگەن پاكقا يوقتۇر ئاسىغ،(پايدا)
تېشى ھەللىك بېزەلگەننىڭ سۆڭەك يىلىكلىرى پاسىق.(مەينەت)
كۆرگەن ئەرسىز مەزلۇم كۆتۈرگەن دولىدا ئىدىش،
چەللە تىكلەپ پەرۋىش قىلىپ بەرپا قولدا بېدىش،(ئۈزۈملۈك باراڭ)
ئۆزلۈككە سوئال قويماي سەۋەب ئىستەش زادى نېمە ئىش؟
دەپتۇ ئەرلەر زەئىپلەشسە ئاياللار بۇزۇلار ئىمىش.
راۋا كۆرۈلـمەس تۈگۈنچەك،
ياق دېيىشنى بىلـمىگەن مەزلۇمنىڭ باھانىسى ھېسسىياتقا كۆڭۈلچەك،
ئىگىن سېلىش نومۇس ھەتتا تۇنجۇقتۇرسىمۇ كۆلچەك،
زامان پەللىسى ساپلىقتا ئەمما ساپسىز قالدى كېلىنچەك.
شۇندىن كۆڭۈلنىڭ شېخىدا يوق گۈل-چېچەك،
بولسىمۇ تۈمەن پۇل-پۈچەك،
يۈرەك بىر يەرلىرىدىن كەم پۇچەك،
ناپاك ئەزىز، تاغ كەبى ھەيۋەت بەستىگە يوقتۇر چەك،
شەرمى سۇلغۇن ھايالىرىمدا كۈمۈرچەك دۈمچەك.